ۋىدىس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئۈزۈم ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان پېلەك غوللۇق ئۆسۈملۈك. شاخلىرى ئىنچىكە، ئۇزۇن ھەم قىرلىق كېلىدۇ. يوپۇرمىقى كەڭ، تۇخۇم شەكلىدە بولۇپ، ئۈچتىن بەشكىچە چوڭقۇر يېرىلىدۇ. گۈل رېتى كونۇسسىمان، شىرنىلىك مېۋىسى قېنىق بىنەپشە رەڭدە بولىدۇ. غول تالالىلىرىدىن ئارغامچا ئەشكىلى بولىدۇ.