Uyghur主要词典
ۋىدالاشماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
مەڭگۈلۈك ئايرىلماق، ئۆلمەك.
بۇ رەسىمنى مەرھۇم ئايالى سەتبەرگىگە كۆرسەتكۈسى كېلەتتى، ئەپسۇسكى ئۇ ئۇلاردىن ۋىدالاشقانىدى.
ئۆلۈم ئالدىدا خوشلاشماق.
دارغا يېقىن كەلگەندە بۇ ئوغۇل: <ئاتام بىلەن ۋىدالىشىۋالسام، دەيدىغان گېپىمنى دەۋالسام> دەپ پادىشاھتىن تىلەپتۇ.
مېيىتنى يۇيۇشتىن بۇرۇن ئۆلگۈچىنىڭ بالا - چاقا، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى مېيىتنىڭ يېنىغا كىرىپ رازىلىق بىلدۈرمەك، خوشلاشماق، ئۇزاتماق.