Uyghur主要词典
تۇخۇم خالتىسى
بىئولوگىيە
تۇخۇم ئورگىنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يۈسۈن ۋە زەمبۇرۇغلارنىڭ تۇخۇم ھاسىل قىلىدىغان تاق ھۈجەيرىلىك ئانىلىق كۆپىيىش قۇرۇلمىسى. ئۇ خالتىسىمان بولۇپ، ئىچىدە بىر ياكى بىردىن كۆپ تۇخۇم ھۈجەيرىسى بولىدۇ. مەسىلەن، تۇخۇملۇق كۆپىيىدىغان زەمبۇرۇغلار سىنىپى. بەزى تۇخۇم خالتىلىرى كۆپ ھۈجەيرىدىن تۈزۈلىدۇ. مەسىلەن، قارا يۈسۈننىڭ تۇخۇم خالتىسىنىڭ سىرتىدا بەش دانە ئۇزۇن نەيسىمان ھۈجەيرە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇچىدا بەش دانە تاج ھۈجەيرە بولىدۇ. شۇڭا بەزىلەرنىڭ ئۇنى تۇخۇم خالتىسى دېگەندىن كۆرە تۇخۇم خالتا شارچىسى دەپ ئاتىغان ياخشى.