Uyghur主要词典
تۇخۇمدان
بىئولوگىيە
چىشى ھايۋاننىڭ كۆپىيىش بېزى. ئۇ تۇخۇم ھۈجەيرىسى (تۇخۇم) ھاسىل قىلىدۇ ۋە ئانىلىق گورمونلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. ئادەمنىڭ تۇخۇمدانى داش بوشلۇقىدا ئوڭ - سولدا بىردىن جايلاشقان (نۇرغۇنلىغان قۇشلارنىڭ سول تۇخۇمدانىلا بولۇپ، ئوڭ تۇخۇمدانى رۇدىمېنتلىشىپ كەتكەن). تۇخۇمداندا چوڭلۇقى بىردەك بولمىغان ھۈجەيرە توپلىرى بولۇپ، تۇخۇم پۈۋەكچىسى دېيىلىدۇ. تۇخۇم پۈۋەكچىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى چوڭ بىر ھۈجەيرە تۇخۇم ھۈجەيرىسى ھېسابلىنىدۇ. بالاغەتكە يەتكەن ساغلام ئاياللارنىڭ تۇخۇمدانىدىن ھەر ئايدا بىر قېتىم يېتىلگەن تۇخۇم ھۈجەيرىسى ئاجرىتىپ چىقىرىلىدۇ. ئادەتتە ھەر نۆۋەتتە بىر دانە تۇخۇم چىقىرىدۇ. تۇخۇم چىقارغاندىن كېيىنكى تۇخۇم پۈۋەكچىسى سېرىق تەن بولۇپ يېتىلىدۇ. ئاياللار ھەيز كېسىلىش (توختاش) مەزگىلىگە كەلگەندە تۇخۇمدان يىگىلەپ، تۇخۇم چىقىرىشى توختايدۇ، شۇنىڭدىن باشلاپ كۆپىيىش (تۇغۇش) ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ. تۇخۇمدان ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان گورمونلار ئاساسەن ئېستروگېن ۋە پروگېستىن بولۇپ، ئالدىنقىسى ئانىلىق قوشۇمچە ئورگانلىرىنىڭ يېتىلىشى ۋە بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ ئۆسۈشى قاتارلىقلارنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. كېيىنكىسى سۈت بېزىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەم تۇخۇم چىقىرىشنى تورمۇزلاش ۋە ھامىلىنى تىنچلاندۇرۇش قاتارلىق روللارغا ئىگە. نۆۋەتتە كلىنىكىدا ئىشلىتىلىۋاتقان ئانىلىق گورمونلارنىڭ ھەممىسى سۈنئىي سىنتېزلانغان بىرىكمىلەردىن ئىبارەت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
<بىئول> ئاياللارنىڭ ۋە چىشى ھايۋانلارنىڭ كۆپىيىش بېزى. ئادەملەرنىڭ تۇخۇمدېنى قورساق بوشلۇقىدىكى ئاستىنقى قىسمىدىكى داس سۆڭىكىنىڭ ئىچكى تەرىپىگە جايلاشقان بولىدۇ.
<دېھ> مۇخلار، پاپورتنىكلار ۋە يالىڭاچ ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئانىلىق كۆپىيىش ئەزاسى. كۆپ ھۈجەيرىدىن تۈزۈلىدۇ، شەكلى بوتۇلكىغا ئوخشايدۇ، قورساق قىسمى ۋە بويۇن قىسمى دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. قورساق قىسمىدا بىر دانە تۇخۇم ھۈجەيرىسى بولىدۇ.