Uyghur主要词典
تۇخۇملۇق كۆپىيىش
بىئولوگىيە
تۇخۇم بىلەن سپېرما بىرىكىدىغان جىنىسلىق كۆپىيىش ئۇسۇلى بۇنىڭدىكى ئاتىىق ۋە ئاتىلىق گامېتىلانىڭ شەكلى، چوڭ - كىچىكلىكى ۋە ئالاھىدىلىكى زور دەرىجىدە پەرقلىق بولىدۇ. ئانىلىق گامېتا چوڭ بولۇپ، ھەرىكەتلەنمەيدۇ، ستوپلازمىسىدا زور مىقداردا ئوزۇقلۇق ماددا بولىدۇ، ئۇ تۇخۇم دەپ ئاتىلىدۇ، ئاتىلىق گامېتا ناھايىتى كىچىك بولۇپ، دائىم ھەرىكەتلىنىپ تۇرىدۇ، ئۇسېپرما دەپ ئاتىلىدۇ. سېپرما بىلەن تۇخۇم قوشۇلۇپ زىگوتىنى ھاسىل قىلىدۇ، زىگوتا يېتىلىپ يېڭى ئورگانىزمغا ئايلىنىدۇ. تۇخۇملۇق كۆپىيىش يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەردە ئومۇميۈزلۈك بولىدىغان كۆپىيىش ئۇسۇلى.