Uyghur主要词典
تۇخۇمەك
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ پۇرچاق ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان، بۇيىغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ،
يوپۇرمىقى پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، گۈلى سۇس سېرىق، مېۋىسى يۇمىلاق تۈۋرۈكسىمان، گۆشلىشىدۇ، يېرىلمايدۇ، ھەر بىر ئۇرۇقىنىڭ
ئارىلىقى بوغۇلۇپ، پۈتۈن كۆرۈنۈشى تەسۋىگە ئوخشاپ قالىدۇ. گۈلى ۋە يوپۇرمىقىدىن سېرىق بوياق ئېلىنىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى، غۇنچىسى، شېخى ۋە يوپۇرمىقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ غۇنچىسى ئېچىلاي دېگەندە غۇنچىسىنى يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا
قۇرۇتۇپ ياكى سارغايغۇچە قورۇپ كۆيدۈرۈپ تۇخۇمەك <گۈلىنىڭ كۆمۈرى> تەييارلىنىدۇ؛ مېۋىسى پىشقاندا مېۋىسىنى يىغىۋېلىپ، سېپى
ئۈزۈۋېتىلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، ھەسەل قوشۇپ <تۇخۇمەك مېۋىسى> تەييارلىنىدۇ؛ يازدا ۋە كۈزدە يۇمران شاخلىرىنى يىغىۋېلىپ، كەسلەپ ئاپتاپتا
قۇرۇتۇپ <تۇخۇمەك شېخى> تەييارلىنىدۇ؛ يوپۇرمىقىنى خالىغان ۋاقىتتا يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ <تۇخۇمەك يوپۇرمىقى> تەييارلىنىدۇ. دورىغا
ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
قۇرۇق سوغۇق.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىدا تىكىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
قان سوۋۇتۇش ۋە قان توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ تۇخۇمەك گۈلى 4 ~ 12 گرام، تۇخۇمەك غۇنچىسى 4 ~ 12 گرام،
تۇخۇمەك مېۋىسى 8 ~ 16 گرام ئەتراپىدا، تۇخۇمەك شېخى بىلەن تۇخۇمەك يوپۇرمىقى مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.
20 گرام تۇخۇمەك گۈلىنىڭ كۆمۈرىنى سەككىز گرام تۇخۇمەك مېۋىسى، 20 گرام چۈلۈك يىلتىز پوستى (قورۇپ سارغايتىلغان)، سەككىز گرام
ئانار پوستى بىلەن بىللە يۇمشاق سوقۇپ، چەككىلەنگەن ھەسەل بىلەن قوشۇپ تۆت تال كۇمىلاچ ياساپ، ئەتىگەن ۋە ئاخشامدا ئاچ قورساققا بىر
تالدىن كۇمىلاچنى قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، چوڭ تەرەتتىن قان كېلىش ۋە بوۋاسىرغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
تۇخۇمەكنىڭ قۇرۇق گۈلى ياكى ھۆل گۈلىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قاينىتىپ چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە، يۇقىرى قان بېسىمىغا مەنپەئەت
قىلىدۇ.
سەككىز گرام تۇخۇمەك گۈلىنىڭ كۆمۈرىنى 20 گرام قورۇلغان توشقانئوتى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ھەيز كۆپىيىپ
كېتىش ۋە بالىياتقۇنىڭ پائالىيەتچان قانىشىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
35 گرام ھۆل تۇخۇمەك گۈلىنى 35 گرام ھۆل ئەگرىسۇنا، 30 گرام ھۆل كىچىك خوخا، 20 گرام ئارچا يوپۇرمىقى، 12 گرام مودەن يىلتىز پوستى،
10 تال چىلان بىلەن بىللە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قان پلاستىنكىلىرى ئازىيىش خاراكتېرلىك سۆسۈن داغ، يۈز قىزىرىش، ئېغىز قۇرۇش ۋە تىل
ئۇچى قىزىرىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
70 گرام تۇخۇمەك گۈلىنىڭ كۆمۈرىنى 20 گرام قازان كۈيىسى بىلەن بىللە يۇمشاق سوقۇپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا سەككىز
گرامدىن قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، قان قۇسۇشقا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
تۇخۇمەكنىڭ يۇمران قوۋزىقىنى ئوتتا قاقلاپ سارغايتىپ، يۇمشاق سوقۇپ، كۇنجۇت يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە،
شاپاق يارىسىغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
تۇخۇمەك يوپۇرمىقى ۋە شېخىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قاينىتىپ سۈيى بىلەن يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، ھەرخىل تەمرەتكىگە
مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 گرام ھۆل تۇخۇمەك شېخىنى تۆت گرام يېشىل چاي، 5.0 گرام زەمچە بىلەن بىللە بىر چىنە سۇدا قاينىتىپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم،
پاختىنى چىلاپ كۆز جىيەكلىرىنى يۇيۇپ بەرسە، كۆز، قاپاق جىيىكى ياللۇغى (قىزىل كۆز) غا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
تۇخۇمەك گۈلىنى ئېزىپ تالقانلاپ، زىغىر يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ئوت ۋە سۇدا كۆيگەن كۆيۈكلەرگە ياخشى
مەنپەئەت قىلىدۇ.
تۇخۇمەك مېۋىسىنى قورۇپ كۆمۈرلەندۈرۈپ، سوقۇپ تالقانلاپ كۈنجۇت يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ھەرخىل
كۆيۈكلەرگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
بىئولوگىيە
پۇرچاق ئائىلىسىگە كىرىدۇ، يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. بىر يىللىق شېخى يېشىل بولۇپ، قوۋزىقىدىن بىر خىل سېسىق پۇراق چىقىدۇ. دەرەخ تاجى شار شەكىللىك بولىدۇ. يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، تاق سانلىق پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، كىچىك يوپۇرماقلىرى 7 - 71دە بولۇپ، تۇخۇم شەكىللىك ياكى ئېللىپىس شەكىللىك، تولۇق گىرۋەكلىك، ئۈستۈنكى يۈزى توق يېشىل، سىلىق، ئاستىنقى يۈزى ئاقۇچ كۈل رەڭ بولۇپ، قىسقا يۇمشاق تۈكلىرى شالاڭ ئۆسىدۇ. كونۇسسىمان گۈل رېتى چوققىدا ئۆسىدۇ، گۈلى ئاقۇچ سېرىق، گۈل سېپى يېشىل بولىدۇ. چوكا مېۋىسى گۆشلەشكەن، تەسۋىسىمان بولىدۇ، ئۇرۇق بىلەن ئۇرۇق ئوتتۇرىسى بوغۇق بولىدۇ. ئۇرۇقى بۆرەكسىمان بولىدۇ. ئەسلى ماكانى جۇڭگونىڭ شىمالىي قىسمى بولۇپ، ھازىر جەنۇب ۋە شىمالنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئۆستۈرۈلىدۇ، كۈن نۇرىنى ياخشى كۆرىدۇ، چوڭقۇر يىلتىز تارتىدۇ، تېز ئۆسىدۇ؛ ۋېيتنام، چاۋشيەن، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ بولىدۇ؛ يول ياقىسىغا تىكىشكىمۇ بولىدۇ. شۇنداقلا ئۇ يەنە ئەلا سۈپەتلىك ھەسەل مەنبەسى ئۆسۈملۈكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تۇخۇمەك گۈل غۇنچىسىنى يېيىشكە بولىدۇ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى خۇش پۇراق مايدىن سەگىتىش خاراكتېرىدىكى قورۇپ قان توختىتىش دورىسى ياسىلىدۇ، گۈلى سېرىق بوياق ماتېرىيالى قىلىنىدۇ؛ يەنە سالقىنلاشتۇرۇش خاراكتېرىدىكى توقۇلمىلارنى قورۇپ قان توختىتىش دورىسى قىلىنىدۇ ۋە قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش رولىنى ئوينايدۇ؛ يىلتىز قوۋزىقى، شېخى، يوپۇرمىقى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ؛ ياغاچ ماتېرىيالى قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بوتانىكا
پۇرچاق ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. تۇخۇمەك دەرىخى. گۈلى ۋە ئۇرۇقىدىن سېرىق بوياق ئېلىنىدۇ. گۈلى، مېۋىسى ۋە يىلتىز پوستى دورا قىلىنىدۇ ، قاننى سوۋۇتۇش، قان توختىتىش رولىغا ئىگە.