Chinese→Uyghur主要词典
兔形目
بىئولوگىيە
توشقانسىمانلار ئەترىتى
سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپىنىڭ ھەقىقى سۈت ئەمگۈچىلەر كەنجى سىنىپىدىكى ئوتتۇرا كىچىك تىپتىكى ئوتخور سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلاردىن ئىبارەت. ئۇلارنىڭ ئۈستۈنكى جېغىدا ئالدى - كېيىن ئۆسكەن ئىككى جۈپ كۈرەك چىشى بولىدۇ. بىر جۈپى ناھايىتى كىچىك بولۇپ، ئالدىنقى بىر جۈپىنىڭ كەينى تەرىپىگە يوشۇرۇنۇپ تۇرىدۇ. شۇڭا يەنە قوش چىشلىقلار (Dupilicidentata) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كۈرەك چىشىنىڭ ئارقا گىرۋەكلىرىدە ئېمال ماددىسى بار، كۈرەك چىشى تەرەققىي قىلغان، چىش يىلتىز يوق، ئۆمۈر بويى داۋاملىق ئۆسۈپ تۇرغاچقا دائىم نەرسىلەرنى غاجاپ ئۇپرىتىپ تۇرىدۇ؛ قوزۇق چىشى يوق بولۇپ، كۈرەك چىشى بىلەن ئالدى ئېزىق چىشىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئوت - چۆپ يېگەندە توپا - داڭگاللارنى چىقىرىۋېتىشكە قولايلىق بولغان كاۋاكچە ھاسىل بولغان. ئۈستۈنكى كالپۇكىدا يېرىقى بولۇپ، بۇمۇ ئوت - چۆپ يېيىش ئادىتىگە ماسلاشقان تۈزۈلۈش ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەترەتتىكى تۈرلەر پۈتۈن دۇنيادا ئانتاركتىكا، ماداغاسقار ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى كۆپچىلىك ئاراللاردىن باشقا ھەممە يەرگە تارقالغان ۋە قۇرۇقلۇققا ماكانلاشقان. ئۇ ئىككى ئائىلىنى، يەنى توشقانلار ئائىلىسى بىلەن ئوخۇتون (چاشقانسىمان توشقان) لار ئائىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تۈرلىرى؛ موڭغۇل توشقىنى (قۇم توشقىنى lepus tolai)، دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ دۈمبە يۇڭلىرى سېرىق - قوڭۇر، كەينى پۇتى ئۇزۇن، سەكرەشكە ماھىر، قۇلاق سۇپرىسى ئۇزۇن، قۇيرۇقى قىسقا. بۇ تۈردىكىلەر مۇھىم بىر خىل ئىستېمال قىلىنىدىغان ھەم يۇڭ - تېرىلىرى پايدىلىنىدىغان ھايۋان بولۇپ، مەھسۇلاتى خېلى يۇقىرى. ياۋا توشقان دېھقانچىلىق رايونلىرىدا زىرائەتلەرگە زىيانكەشلىك قىلىدۇ، شۇڭا مۇۋاپىق ئوۋلاپ زىياننى پايدىغا ئايلاندۇرۇش لازىم.