Chinese→Uyghur主要词典
托勒密王国
دۇنيا تارىخى
پتولېمېي پادىشاھلىقى
پتولېمېي دۆلىتى. مىلادىدىن 305 يىل ئىلگىرى ئالېكساندر (ئىمپېراتور) نىڭ لەشكەر باشلىقى پتولېمېي Ⅰ قۇرغان. ھوقۇق مەركەزلەشتۈرۈلگەن پادىشاھلىق تۈزۈمىنى يولغا قويغان، ئەڭ ئالىي ھوقۇقنى ماكېدونىيە ۋە يۇنانلىقلار ئۆز قولىدا تۇتقان، مىسىرنىڭ راھىب ۋە پۇقرالاردىن بولغان بەزى ئاقسۆڭەكلىرىمۇ ئەمەلدارلىققا تەيىنلەنگەن. يۇنانلىقلارنىڭ مۇستەملىكە شەھەرلىرى ۋە باشقا شەھەرلەر مەلۇم ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىردە پتولېمېي Ⅱ ۋە پتولېمېي Ⅲ تەختتىكى مەزگىلىدە دۆلەت قۇدرەت تېپىپ، ئۇنىڭ زېمىنى مىسىردىن باشقا، پەلەستىن، جەنۇبىي سۈرىيە، كىچىك ئاسىيانىڭ شەرقىي جەنۇب قىرغىقى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى سىپرۇس قاتارلىق ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، سېلېئۇكوس ۋە ماكېدونىيە بەگلىكلىرى بىلەن ئۇزاققىچە ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرق قىسمىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى تالاشقان. پايتەختى ئالېكساندرىيە يۇنانلاشتۇرۇلغان ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ، شەھەر سىرتى (ئوتتۇرا دېڭىز) پارس ئارىلىدىكى ماياك مۇنارى قەدىمكى دۇنيادىكى يەتتە مۆجىزىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، شەھەر ئىچىدىكى مەشھۇر ئالېكساندرىيە كۇتۇپخانىسى شۇ چاغدىكى خەلقئارالىق بىلىم يۇرتى بولۇپ، ئۇنىڭدا 500 مىڭ تۈرۈك (پاپىرۇس قەغەز تۈرۈكى) دىن كۆپرەك كىتاب ساقلانغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە سىرت بىلەن بولغان ئۇرۇشتا يېڭىلىپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىردىن Ⅰ ئەسىرگىچە ئىچكى قىسمىدا كۆپ قېتىم خەلق قوزغىلاڭلىرى يۈز بېرىپ، دۆلەت زەئىپلىشىپ كەتكەن. ھۆكۈمران سىنىپ گۇرۇھلىرىنىڭ ئىچكى نىزالىرى توختىماي، مىلادىدىن 30 يىل ئىلگىرى ئايال پادىشاھ كلېئوپاترا Ⅶ دەۋرىدە مۇنقەرز بولغان.