Chinese→Uyghur主要词典
托勒密
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
tuō lè mì
پتولېمايسDتارىخ
tuō lè mì
پتولېمىDتارىخ
tuō lè mì
تولېمې
دىن
tuō lè mì
پتولېمى
دۇنيا تارىخى
پتولېمى
پتولېمى Ⅰ (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 367 - 283) قەدىمكى مىسىر پتولېمى سۇلالىسى (مىلادىدىن ئىلگىرى 323 - 30) نى قۇرغۇچى ۋە ئۇنىڭ پادىشاھى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 323 - 285). ماكېدونىيىلىك لاگوسنىڭ ئوغلى. ياش ئالېكساندر (بۈيۈك ئىمپېراتور) بىلەن دوست بولۇشقان. ئالېكساندر بىلەن شەرققە يۈرۈش قىلىپ، ئۇنىڭ كۈچلۈك ياردەمچىسى بولغان. مىلادىدىن 323-يىل ئىلگىرى ئالېكساندر ئۆلگەندىن كېيىن مىسىر رايونىنى ئىگىلەپ، ئەمەلىي ھۆكۈمرانغا ئايلانغان (مىلادىدىن 305-يىل ئىلگىرى رەسمىي پادىشاھ دەپ ئاتالغان). كېيىن ئالكساندرنىڭ باشقا سەركەردىلىرى بىلەن ۋارىسلىق ھوقۇقى تالىشىپ، كاساندېر، ليسىماكو، سېلېئوكو Ⅰ مەغلۇپ بولۇپ، <يۇنانلاشتۇرۇلغان> ئۈچ چوڭ دۆلەت (مىسىر، سېلېئۇكو، ماكېدونىيە) نىڭ داڭقان پۇتى ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن؛ پتولېمى مىسىرغا ئىگە بولغان. تەختتىكى مەزگىلدە، ئالېكساندرىيىنى مەركەز قىلىپ، سودا - سانائەتنى راۋاجلاندۇرغان، ئالىم ۋە ئەدەىبلەرنى تەكلىپ قىلىپ ئەكىلىپ، پەن - مەدەنىيەت ئىشلىرىغا ئىلھام بەرگەن. مىسىرنىڭ يۇنانلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. مىلادىدىن 285 يىل ئىلگىرى، تەختنى كەنجى ئوغلى پتولېمى فىلادېلف (مىلادىدىن 285 - 247 يىل ئىلگىرى تەختتە ئولتۇرغان) قا ئۆتۈنۈپ بەرگەن، ئۇ، پتولېمى Ⅱ دەپ ئاتالغان. ئەسەرلىرىدىن <ئىمپراتور ئالېكساندرنىڭ تەرجىمىھالى> <شەرققە يۈرۈش ئۇرۇشى تارىخى( بولۇپ، بۇ ئەسەردىن كېيىنكى يازغۇچىلار، بولۇپمۇ ئارىئان نەقىل ئالغان. )2( پتولېمى كلائۇدىئۇس )ىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىر(. قەدىمكى يۇنان ئاسترونومى، جۇغراپىيەشۇناسى، ماتېماتىكى. مىسىردا تۇغۇلغان، ھايات ۋاقتىدىكى ئىش ئىزلىرىنى تەكشۈرۈشكە ئامال يوق. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، مىلادى 139 - )يەنە بىر .ېتتەكەشتا 130 - ( يىلى ئالېكساندرىيىدە ئاسمان جىسىملىرىنى كۆزەتكەنىكەن. ئالېكسادنرىيىدىكى ھەرقايسى ئېقىملار يىغقان ئاسترونومىيە بىلىملىرىنى سىستېمىلاشتۇرۇپ، >پتولېمى سىستېمىسى< نى تاماملىغان. >ئاسترونومىيىدىن ئومۇمىي بايان< )ئەرەبلەر >ئۇلۇغ نەزەرىيە< دەپ تەرجىمە قىلغان( دېگەن ئاساسلىق ئسىرى بولۇپ، بۇ ئەسەردە ئۇنىڭ >يەر مەركەز تەلىماتى< سىستېمىسى باينا قىلىنغان. ئۇنىڭدايەر شارى ئالەمنىڭ مەركىزىدە تۇرۇپ، ھەرىكەت قىلمايدۇ، قۇياش، ئاي، سەييارە ۋە تۇرغۇن يۇلتۇز ئېللىپس يولىدا يەر شارىنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ، دېگەننى تەشەببۇس قىلغان. بۇ تەلىمات ۋە يۇقىرىدىكى ئەسەر ئوتتۇرا قەدىمكى زاماندا ئاسترونومىيىدە نوپۇزلۇق تەلىمات ۋە ئەسەر دەپ قارالغان ھەدە كاتولىك دىنىي جەمئىيەتلىرىنىڭ ھەرىكىتى توغرىسىدا>) دۇنياغا كەلگەندىلا، <پتولېمى سىستېمىسى> ئاغدۇرۇپ تاشلانغان. سەككىز توملۇق <جۇغراپىيە قوللانمىسى> دېگەن ئەسىرىدە ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل ئارقىلىق مېرىدىئان ۋە پاراللېل گرادۇسلىرىنى ئۆلچەپ بېكىتىشكە تىرىشىپ، شۇ چاغدىكى ماتېماتىلىك جۇغراپىيە بىلىملىرىنى يەكۈنلەشتە بەلگىلىك تۆھپە قوشقان. ئەرەبلەردە <ئانالىنما> دا جۈملىدىن قۇياش سائىتىنىڭ تۈزۈلۈشى توغرىسىدىكى سخېمىلىق چۈشەندۈرۈشمۇ بار. يەنە <پادىشاھلار جەدۋىلى> دېگەن ئەسىرى بولۇپ، بۇنىڭدا ئاسسۇرىيە، پېرسىيە، يۇنان، رىم پادىشاھلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تەختتە ئولتۇرغان يىل چېكى خاتىرىلەنگەن. بۇلاردىن باشقا يەنە ئوپتىكا ۋە ئاھاڭغا ئالاقىدار بولغان ئەسەرلىرىمۇ بار.