Uyghur主要词典
تۇمشۇقىنى سوزماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
مەلۇم بىر تەرەپنى كۆرسىتىش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ.
- ئۇلار بۇ ئىشنى قانداق بىلىپ قاپتۇ؟ - ئۇ بوۋىسىنىڭ ئۆيى تەرەپكە قاراپ تۇمشۇقىنى سوزۇپ قويدى.
يېقىنلىشىشقا، چاڭگال سېلىشقا ئۇرۇنماق.
نىزام: - قوزىچاقنى بۆرىنىڭ يېنىدا قويغىلى بولمايدۇ، مەن كەتسەملا، باي ئىپلاس تۇمشۇقىنى قەمبەرنىساخانغا يەنە سوزىدۇ، - دېدى.
دومسايماق، ماي تارتماق؛ يامانلىماق.
- ھېلىمىخان ئەجەب تۇمشۇقىنى سوزۇپ قاپتۇغۇ؟