Uyghur主要词典
تۇمار
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئۈچ بۇرجەك قىلىپ پۈكلەنگەن نامە، خەت؛ مەكتۇب.
دۇئا يېزىلغان قەغەز:
ئىككى جادۇ كۆزلەرگگ ئەھلى ئالەم بەندەدۇر،
ئىسمى ئەئزەم ساچلارى بوينىدا تۇمار ئەيلەگەچ.
نەۋبەتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
كونا ئادەت بويىچە كۆز تېگىشتىن، بالايىئاپەت ۋە جىندىن ساقلايدۇ دەپ قارالغان، ئىچىگە دۇئا پۈتۈلگەن قەغەز ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۈچ بۇرجەك رەخت، ئادەتتە كىشىلەر بوينىغا، چاچقا ئېسىۋالىدۇ.
كۆچمە. داۋاملىق يېنىدا ساقلايدىغان، كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان ئەتىۋارلىق نەرسە؛ يادنامە.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
تۇمار، بەلگە، ئەستىلىك. قەدىمكى ئۇيغۇرلار قوللانغان ئىسىم.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
تۇمارخان
يۆگەم، يۆگەلگەن
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
تۇمار، بەلگە، ئەستلىك؛ تەۋەرۈك كىشى.