Uyghur主要词典
تۇم
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
سوغاق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تۆۋەن ھارارەت، تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن ھالەت. كۆچمە مەنىدە: يېقىمسىز.
قىشنىڭ سوغۇق كۈنلىرى باشلاندى. ئۆزى سوغۇقنىڭ قىلىقى سوغۇق. بۇ يىل قىش بەك سوغ بولدى. ئىزغىرىن شامال يۈزگە ئۇراتتى.
شىۋىلەر
خوتەن شىۋىسى
سوغۇق.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
سوغۇق، تۇم - سوغۇق.
بۇ سۆز ئەسلىدە «سوغۇق» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. لېكىن «سوغۇق ۋە سوغۇق نەرسە» دېگەن مەنىلەردە « تۇملۇغ» سۆزىمۇ قوللىنىلىدۇ.
1 - 440
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تۇم.
ھايۋانلارنىڭ رەڭگىنى بىلدۈرۈشتە «توق» دېگەن مەنىنى بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ياردەمچى سۆز. تۇم قارا ئات _ تۇم قارا ئات. تۇم تورۇغ ئات _ تۇم تورۇق ئات.
1 - 440
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
<ناھايىتى، بەك> دېگەن مەنىدە رەڭنىڭ قېنىقلىق دەرىجىسىنى بىلدۈرىدۇ.
تۇم قارا. تۇم ئاق. تۇم سېرىق.
تالا تۇم قاراڭغۇ بولۇپ، سىم - سىم يامغۇر يېغىۋاتاتتى.