Uyghur主要词典
تۇغيان
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تېشىشى، ھاياجانلىنىش، ھەددىدىن ئېشىش، قۇلاق سالماسلىق؛ بويۇن تولغاش! قوزغىلىش، ئىسيان كۆتۈرۈش:
جۇنۇن تۇغيانىدىن دىۋانەمەن زەنجىرى يەتكۈزگەي،
مۇرۇۋۋەتتىن چۇ زۇلفى پۇرشىكەن ئەلبەتتە - ئەلبەتتە.
زەلىلى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تاشماق، تاشقىلىماق (سۇ)، كەلكۈن؛ توپىلاڭ، قوزغىلاڭ، ئىسيان: تۇغيان ئاب - سۇ ئاپىتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
تاشقىن.
شېئىر - گۈلچەمبىرەك خۇددى، كىشىلەر ئېقىنى تۇغيان. يۈرەكنىڭ ساپ قېنى رەڭدار، گويا قەغەز بۇ كەڭ مەيدان.
كۆچمە. ئىچكى تۇيغۇ دولقۇنلىرى، ھاياجان.
ئىسيان.
تۇغيان كۆتۈرمەك.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
جۇشقۇنلاش، تېشىش؛ ئىسيان.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
جۇشقۇنلاش، تېشىش؛ ئىسيان؛ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان كىشى.