Uyghur主要词典
تۇفېلكا
بىئولوگىيە
پروتوزالار (ئاددىي ھايۋانلار) تىپى، كىرپىك تۈكلۈكلەر سىنىپىغا كىرىدۇ. ئۇ تاتلىق سۇلاردا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان، چوڭراق شەكىلدىكى كىرپىك تۈكلۈك قۇرت. ئەڭ چوڭى 300 مىكرومېتىر ئوزۇقلۇقتا بولۇپ، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدۇ. تەن شەكلى چورۇق (ياكى تۇفلى) چەمىگە ئوخشاپ كەتكەچكە تۇفېلكا دەپ ئاتالغان. پۈتۈن تېنى كىرپىك تۈكلەر بىلەن قاپلانغان، تېنىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىدىكى كىرپىك تۈكلىرى ئۇزۇنراق بولغاندىن باشقا، قالغان كىرپىك تۈكلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئوخشاش بولۇپ، تېنىنىڭ ئۇزۇن ئوقىنى بويلاپ سەل بۇرالما ھالەتتە ئوزۇنىغا تىزىلغان. تېنىنىڭ ئالدىنقى قىسمىدىن ئوتتۇرا قىسمىغىچە يانتۇ سوزۇلغان ئويمان ئېرىقچە بولۇپ، ئېرىقچىسىنىڭ تۈۋىدىكى ئېغىزى ئېغىز ئېرىقچىسى دەپ ئاتىلىدۇ، ئېغىز ئېرىقچىسىدا نىسبەتەن ئۇزۇن قويۇق كىرپىك تۈكچىلىرى بولىدۇ. تۇفېلكا پۈتۈن بەدىنىدىكى كىرپىك تۈكلىرىنىڭ كۈچلۈك ھەم رىتىملىق تەۋرىنىشىگە تايىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ، كىرپىك تۈكلىرىنىڭ تىزىلىشى ۋە ئېغىز ئېرىقچىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقى تۈپەيلىدىن ئۆزگەرگەندە ئايلىنىپ ئىلگىرىلەيدۇ. ئېغىز ئېرىقچىسى ئەتراپىدىكى كىرپىك تۈكلەر يەنە سۇ ئېقىنىنى قوزغىتىش ئارقىلىق ئوزۇقلۇق تۇتۇش رولىغا ئىگە. تۇفېلكا پروتوزالر (ئاددىي ھايۋانلار) ئىچىدە ئىندىۋىدى چوڭراق، تۈزۈلۈشى تىپىك، يىغىپ ئۆستۈرۈشكە ئاسان بولغان بىر خىلى بولغاچقا دائىم ئوقۇتۇش ئەۋرىشكىسى ۋە ھۈجەيرە گېنېتىكىسى تەتقىقاتىنىڭ تەجرىبە ماتېرىيالى قىلىنىدۇ. كۆپ ئۇچرايدىغانلىرىدىن چوڭ تۇفېلكا (P.caudatum) نىڭ بىر چوڭ، بىر كىچىك يادروسى بولىدۇ. قوش كىچىك يادرولۇق تۇفېلكا (P.aurelia) ئالدىنقىسىغا قارىغاندا سەل كىچىكرەك بولۇپ، بىر چوڭ يادرودا ئىككى كىچىك يادروسى بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە
زوئولوگىيە
ئاددىي ھايۋان. تەن شەكلى پاخال كەشنىڭ تېگىگە ئوخشايدۇ. توختام سۇدا ياشايدۇ، باكتېرىيە ۋە سۇ ئوتلىرى بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، تېنىنىڭ چۆرىسىدە كىرپىكسىمان تۈكچىلىرى بولىدۇ.