Uyghur主要词典
تۈزۈت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھۆرمەتلەش، تارتىنىش، ماتەم بىلدۈرۈشكە ئوخشاش ئىشلاردا قىلىنىدىغان ئادەت شەكلى، بۇلارنى ئاشۇرۇپ ئادا قىلىش.
دوستلار ئارا ئوشۇقچە سۈلكەت ئوشۇقچە ئىللەت. تەكەللۇپ ئەدەبكە ياتىدۇ، ئېشىپ كەتسە خۇشامەتكە. ئاچ مۈشۈك چاشقاننى كۆرسە تۈزۈت قىلمايدۇ. تەۋاززۇ بول، تەۋاززۇ _ كەمتەرلىكنىڭ بەلگىسى.
شىۋىلەر
تەكەللۇپ. مەسىلەن: تولا تۈزۈت قىلماي، قورسىقىڭنى ئوبدان تويغۇز.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئارتۇقچە تارتىنچاقلىق، تەكەللۇپ بىلەن قىلغان مۇئامىلە.
تۈزۈت قىلماق.