Uyghur主要词典
تۈزۈك
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
تۈز، تۈپتۈز:
چۇ مەسئۇدنى غەم خەيلى ئەتتى زەبۇن،
تۈزۈك قەددى كۆكدىن بولۇپ سەرنىگۇن.
ن. زىيائى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھەر جەھەتتىن تولۇق، ساق، ئۈستۈن ھالەت.
<ئەۋزەل>، <ئەلا>، <ساز>، <خوپ> لار ئادەمنى سۈپەتلەپ كەلمەيدۇ.
ياخشى ئېشىنى يەر، يامان بېشىنى يەر. ياخشى نەدە بولسا ياخشى. سەن ياخشى، مەن ياخشى، تونۇر قىزىق، نان ياخشى. ھالال ئىشلەپ تاپساڭ ئەگەر ئارپا نان، خەقنىڭ ئاق نېنىنى يېگەندىن ئوبدان. كىشىنىڭ ئاغزىغا قاراپ، مەنسەپ تۇتقاندىن، ئۆز ئەركىگە ئىگە پۇقرا بولغان دۇرۇس. ئۆزىگە يارىشار ئەخمەقنىڭ چۈشى، نە بىر قىممىتى بار، نە تۈزۈك ئىشى. كىمنىڭ ئەگەر بەلەن بولسا ھىممىتى، كونا كىيىمىدىمۇ چوڭدۇر ئىززىتى. ئېيتىلغان سۆزدىن ئېيتىلمىغان سۆز ئەۋزەل. ۋاقىت ھەممىدىن ئەلا. بۈگۈنكى تۇخۇم ئەتىكى توخۇدىن ئەلا. ئاز بولسىمۇ، ساز بولسۇن. ئېسىل دوست يىراقلاشماس. مۇھەببەتنىڭ ئېسىلى دەسلەپكىسى. بوراندا ئۆز كۆزۈڭگە ئىشەنگىنىڭ خوپ، يامغۇردا ئۆز ئۆتۈكۈڭنى كىيگىنىڭ خوپ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. بۇزۇلغان يېرى يوق، ساق.
ئۇ تۈرۈك ماشىنىنى بۇزۇق دەپ يېرىم كۈن كوچىلىدى.
سۈپ. ياراملىق، ياخشى.
كېيىن تۆمۈر شۇ ئايالغا ئۆيلەنسەم دەپ تۇرۇۋالدى. قارىسام ئۇمۇ تۈزۈكلا بىر ئايال.
سۈپ. مۇۋاپىق، لايىقىدا.
- ھوي، تۈزۈك گەپ قىلىڭ، - موزدۇز ھاكىمنىڭ ئايىغىنى تاشلاپ بەردى - دە، سۆزگە ئارىلىشىپ چاقچاق قىلدى.
رەۋ. قاملاشتۇرۇپ، دەل، جايىدا.
- بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟ ئۆزۈڭ تۈزۈك ئاتمايسەن، ئەمدى مېنىمۇ ئاتقىلى قويمايسەن؟ - دېدى تۆمۈر خەلپە ئاچچىقى بىلەن.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
تۈزۈم، ياساق، قېلىپ، دائىرە.