Uyghur主要词典
تۈز قاناتلىقلار ئەترىتى
بىئولوگىيە
ھاشاراتلار سىنىپىدىكى چوڭراق بىر ئەترەت. ئوتتۇرا تىپتىكى ياكى چوڭ تىپتىكى ھاشاراتلارغا كىرىدۇ، تىپىك چاينىغۇچى ئېغىز ئاپپاراتى بار، ئانتېننىسى كۆپ بوغۇملۇق، نىسبەتەن ئۇزۇن بولىدۇ. ئادەتتە ئۇلارنىڭ ئۈچ دانە ئاددىي كۆزى بولىدۇ. ئالدىنقى قانىتى سەل قېلىن، تار ئۇزۇن بولۇپ، قاپلىما قاناتلىق رولىنى ئۆتەيدۇ. ئارقا قانىتى پەردىلىك قانات بولۇپ، دەم ئالغان چاغدا ئالدىنقى قانىتىنىڭ ئاستىدا يەلپۈگۈچسىمان قاتلىشىپ تۇرىدۇ. بەزى تۈرلىرىنىڭ ئۇچۇش كۈچى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، يىراق ئارىلىقلارغا ئۇچۇپ كۆچىدۇ. ئادەتتە كەينى پۇتىنىڭ يانپاش بوغۇمى توم، كۈچلۈك بولۇپ، سەكرەشكە ماسلاشقان. قورساق قىسمى ئادەتتە ئوب بىر بوغۇم، قورساق قىسمىنىڭ ئاخىرىدا بىرجۈپ قۇيرۇق بۇرۇتچىسى بولىدۇ. چىشى قۇرتلارنىڭ كۆپچىلىكىدە تەرەققىي قىلغان تۇخۇم سېلىش ئاپپاراتى بولىدۇ. ئادەتتە ئەركەك قۇرتنىڭ ئاۋاز چىقىرىش ئاپپاراتى بولىدۇ، چىشى قۇرت ئاۋاز چىقىرالمايدۇ. ئاۋاز چىقىرالايدىغان تۈرلىرىنىڭ ئاڭلاش ئاپپاراتى بولىدۇ. كۆپىنچە ئۆسۈملۈك توقۇلمىسى ياكى توپىغا تۇخۇم سالىدۇ ھەمدە تۇخۇم ھالەتتە قىشلايدۇ. ھالەت ئۆزگەرتىشى مۇكەممەل ئەمەس، نىمفا قۇرتى ئادەتتە بەش قېتىم تۈلەيدۇ، شەكلى ۋە ياشاش ئۇسۇلى يېتىلگەن قۇرتقا ئوخشاش، لېكىن تېنى كىچىكرەك بولىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ قانات بىخلىرىنىڭ ئورنى تەتۈر، ئارقا قانىتى ئالدىنقى قانىتىنىڭ سىرتىغا جايلاشقان ھەمدە قىسقا قانات تىپىدىكى يېتىلگەن قۇرتتىن پەرقلىنىدۇ. ئۇلار قۇرۇقلۇقتا ياشايدۇ. كۆپ ساندىكى تۈرلىرى ئۆسۈملۈك بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ ھەمدە تىپىك كۆپ ئوزۇقلىنىدىغانلاردىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ؛ گۆشخور ياكى ئارىلاش ئوزۇقلىنىدىغانلىرىمۇ بولىدۇ. شۇڭا بۇ ئەترەتتىكى نۇرۇغۇنلىغان تۈرلەر يېزا ئىگىلىكىدىكى ئاساسلىق زىيانداش قۇرتلار ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، چېكەتكە، موزايبېشى، قارا چېكەتكە، يېشىل چېكەتكە قاتارلىقلار. ھازىر بۇلاردىن مەلۇم بولغانلىرى 20 مىڭ تۈردىن ئاشىدۇ.