Uyghur主要词典
تۈز
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت
1. ئەگرى، قىڭغىر، سىڭايان ئەمەس، رۇس.
تۈز ياغاچ.* تۆپتۈز يول.* يىلان ئۆزۈم تۈز، يولۇم ئەگرى دەيمىش ( ماقال ).
2. ئېگىز _ پەس ئەمەس، تەكشى . تۈز يەر.* تۈز يول.* گەپ يۈزدە ياخشى، ئۇسسۇل تۈزدە ( ماقال ).
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل
تۈزمەك، تۈزەش. 1. مەلۇم تەرتىپتە تۈزۈپ چىقماق.
لۇغەت تۈزمەك.* مۇندەرىجە تۈزمەك.* جۈملە تۈزمەك.
2. ئىشلەپ چىقاماق، رەتلەپ چىقماق. پىلان تۈرمەك.* تۈزۈم تۈزمەك.* شەرتنامە تۈزمەك.* دوستۇڭ ئۇرۇش قىلىشقا تۈزسە پىلان، ئۇرۇشتىن يىراق بول سەزگىنىڭ ھامان.
3. قۇرماق، تەشكىللىمەك. گۇرۇپپا تۈزمەك.* ھۆكۈمەت تۈزمەك.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
توغرا، تۈز، كېلىشكەن.
تەكشى يەر، دالا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پاك؛ يامان نىيىتى يوق.
ئاق كۆڭۈلنىڭ ئېتى ھارماس، كىيىمى توزۇماس. ئاق نىيەت ئادەم زىيان تارتسىمۇ، خار بولماس. كۆڭلى ئاقنىڭ كۆزى ئالاق - جالاق بولماس، مىجەزى تۈزنىڭ ئەيبى يوق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېگىز - پەسلىك، يۇقىرى - تۆۋەنلىك بولمىغان، ھەممە ئوخشاش بولغان ھالەت.
بەش قول تەڭ ئەمەس. قاش بىلەن كۆز تەڭ بولمايدۇ. باراۋەر ئىدۇق ھەممىمىز تەڭرى ئالدىدا ، باراۋەر بولمىدۇق ئەممە دەۋر ئالدىدا، كېرىلىپ كەتمىگىن سەن ئامەتلىرىڭدىن، باراۋەر بولىمىز قەبرى ئالدىدا. بەش تال بارماق، بەش قېرىنداش، بىراق زادى بىردەك بولماس. بىر كۈندە تۇغۇلغان بارماقمۇ تەكشى ئەمەس. تىكىس يەر تېپىلماس. تەڭپۇڭ بولماق تەس، مۇۋازىنەت ئەلا. موساۋەت فرانسىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابىنىڭ ئۈچ شوئارى : ھۈرىيەت، موساۋات، ئادالەتنىڭ بىرى. ئۇنىڭدا ھەممىنىڭ تەڭ - باراۋەرلىكى تەشەببۇس قىلىنغان.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەمەلىي پاكىتقا ئۇيغۇن، يالغىنى يوق.
ئەخمەققە يالغانمۇ راست بولار. راست گەپكە جاۋاب يوق. راستنى قوللاش شەرەپ. چىن گەپ جاندىن ئۇلۇغ. «جىڭ ئالتۇن سىناق تېشىدىن قورقماس.» ھەق سۆز ئاچچىق بولار. ھەقنىڭ رىزقى ھەق. ھەق ئۆلۈم ئابروي. توغرا يۈز؛ توغرا سۆزلە؛ توغرا ئاڭلا؛ توغرا تۇر؛ توغرىنى دە؛ توغرىنى كۆر؛ تۈز كەس، توغرا ئېيت. تۈز دەرەخنىڭ پايدىسى تولا، تۈز ئادمنىڭ دوستى. ھەقىقىي سۆزگە قەسەم كەتمەيدۇ. ھەقىقىي بەخت قان - تەردىن كېلىدۇ. دوستۇڭغا دۇرۇس سۆزلە. جېنىڭنى ئېلىشقا قىلىچ تاڭلەنسىمۇ لىللا گەپ قىل.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئەگرى - بۈگرى، ئوي - دوڭغۇل، قىڭغىر - قىيسىق ئەمەس.
قىڭغىر، ئەگرى، قىيسىق، قىيا، مايماق
تۈز ۋە تەكشى ئەمەس، ئېگىلگەن، قىيسايغان.
ئىلىمدە تۈز يول يوق. يىلاننىڭ تۆشۈكى تۈز، ئۆزى ئەگرى. توغرا كىشى ئۇزار، ئەگرى كىشى توزار. راۋۇرۇس يۈر، ئەگرى يولدىن قورقما. ئۆزۈڭ قىڭغىر بولساڭمۇ گېپىڭ تۈز بولسۇن. قىرىق كىشى بىر ياق، قىڭغىر كىشى بىر ياق. قىڭغىر ئىش قىرىق يىلدىن كېيىنمۇ بىلىنەر. قىيسىققا كەمسىتىپ قارىما، كۆزۈڭگە قادىلار. قومۇشنى قىيا تۇتما، قولۇڭنى كېسىدۇ. قىرىق يىل قىڭغىر ئۆسكەن دەرەخ ئوتتۇز كۈندە تۈزەلمەس. مايماق ئېدىشنىڭ قاپقىقىمۇ مايماق. ئەگرى ياغاچمۇ رۇس يانىدۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تۈز.
تۈز يېر _ تۈز يەر.
1 - 426
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يۇرت.
ئېل تۈز نەتەگ _ ئەل - يۇرت قانداق.
3 - 169
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تۇز.
تۈز يېر _ تۇز يەر.
3 - 170
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
توغرا، قۇسۇرسىز
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. ئەگرى ئەمەس، رۇس.
تۈز ئۆسكەن دەرەخ كۆككە چىقالايدۇ (ماقال).
سۈپ. ئېگىز - پەس ئەمەس، تەكشى.
تۈز ئېتىز. تۈز مەيدان.
ئى. كەڭ كەتكەن تەكشى يەر.
ئېگىز - ئېگىز تاغ بېشىدىن سىيرىلدىم تۈزگە، قىزىل گۈلنىڭ غۇنچىسىدەك ئېگىلدىم سىزگە.
سۈپ. كۆچمە. ئوچۇق - يورۇق؛ باشقىلارغا يامانلىق قىلمايدىغان، ھارامزادىلىكنى بىلمەيدىغان، ئاق كۆڭۈل.
بىز تۈزلا ئۆگىنىپ قالغان ئادەم، تولىمۇ كۆپ ئېزىلەڭگۈ تەكەللۇپنى بىلمەيمىز.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
توغرا، قۇسۇرسىز، بارۋەر، تەڭ، ئوخشاش.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
گۈزەللىك، شېرىنلىك ئادالەت، ھەق. قەدىمكى ئۇيغۇرلار قوللانغان ئىسىم.