Uyghur主要词典
تۈتۈن
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ماددا كۆيگەندە تولۇق كۆيۈپ بولمىغان قىسمىدىن ھاسىل بولغان ئۇششاق دانىچىلەر، ھاۋادا لەيلەپ يۈرىدۇ، گازغا ئوخشاپ كېتىدۇ.
<تۈتەك> ئىش - تۈتۈننىڭ يىغىلىشى.
ئىسنىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ. تۈتۈنى كۆپ، يانغىنى ئاز. ئۆينى تۈتەك باسسا، كۆزگە ئۇۋال.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تۈتۈن، ئىس.
ماقالدا مۇنداق كەلگەن: ئوت تۈتۈنسۈز بولماس يىگىت يازۇقسۇز بولماس _ ئوت تۈتۈنسىز بولماس، يىگىت گۇناھسىز بولماس.
1 - 520
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
تۈتۈن، تۇمان
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ماددىلار كۆيگەندە ھاۋاغا ئاجرىلىپ چىقىدىغان، ئۇششاق زەررىچىلەردىن ئىبارەت بولغان گازسىمان جىسىملار يىغىندىسى، ئىس.
تۈتۈننىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلەر (ماقال).
كۆچمە. ئائىلە.
بىلەمسەن، باشلىق ئوغلۇم، بىزنىڭ بۇ ناھىيىدە 10 مىڭغا يېقىن تۈتۈن بار.