Uyghur主要词典
تۈدەش
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
تۈدەش، ئوخشاش، جىنىسداش.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تۈدەش نەڭ _ تۈرداش نەرسە، بىر - بىرىگە ئوخشايدىغان، بىر جىنىستىن بولغان نەرسىلەر. بۇ سۆز «تۈك» مەنىسىدىكى «تۈ - تۈ» سۆزىدىن كەلگەن. ھايۋان ئۈچۈن « بۇ ئات نە تۈلۈگ _ بۇ ئات قانداق رەڭدە» دېيىلىدۇ. « داش ياكى دەش» تەڭداشلىق ۋە يېقىنلىقنى بىلدۈرىدىغان بىر قوشۇمچىدۇر. بىر ئانىدىن توغۇلغان ئىككى بالا « قارىنداش» دېيىلىدۇ. چۈنكى « قارىن» سۆزىگە « داش» قوشۇلۇش بىلەن «بىر قېرىندا ياتقان» دېگەن مەنە ئاڭلىنىدۇ. ئەمچەك « ئەمىك» دېيىلىدۇ، بىر ئەمچەكنى ئەمگەن ئىككى بالا « ئەمىكدەش» دېيىلىدۇ. بىر يەرلىك بولغان ئىككى كىشى « يېردەش» دېيىلىدۇ. يېقىن بىر تۇغقان « قاداش» دېيىلىدۇ. بۇ سۆزنىڭ ئەسلى «قاچا» دېگەن مەنىدىكى «قا قا» سۆزى بولۇپ، ئۇنىڭغا « داش» قوشۇلغاندا، «بىر قاچىدا يەنى ئانىنىڭ قارنىدا ياتقان» دېگەن بولىدۇ. « كۆڭۈلدەش» سۆزىمۇ شۇنداق بولۇپ، «قەلبداش، يۈرىكى بىر» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. يۇقىرىدىكى « تۈدەش» سۆزىمۇ شۇنداق ياسالغان بولۇپ، «رەڭگى بىر»، «تۈرداش» دېگەن ئۇقۇمنى ئاڭلىتىدۇ.
1 - 529