Uyghur主要词典
تۈشدى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تۈشتى ~ چۈشتى.
ئەر ئاتتىن تۈشدى _ ئادەم ئاتتىن چۈشتى. ئەر تامدىن تۈشدى _ ئادەم تامدىن (يىقىلىپ) چۈشتى. ئاتتىن يىقىلىپ چۈشۈشكىمۇ شۇنداق دېيىلىدۇ. ھەرقانداق نەرسىنىڭ بىرەر جايدىن يىقىلىپ چۈشۈشكىمۇ مۇشۇ سۆز ئىشلىتىلىدۇ ( تۈشەر _ تۈشمەك). شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
تەگرە ئالىپ ئەگرەلىم
ئاتتىن تۈشۈپ يۈگرەلىم
ئارسلانلايۇ كۆكرەلىم
كۈچى ئانىن كەۋىلسۈن
«چۆرىدەپ ئېلىپ قورشايلى،
ئاتتىن چۈشۈپ يۈگرەيلى،
ئارسلاندەك ھۆكىرەيلى،
شۇنىڭ بىلەن كۈچى ئاجىزلىسۇن.»
دۈشمەننى چۆرىدەپ قورشايلى، ئاتتىن چۈشۈپ ئارسلاندەك ھۆكىرىگەنچە يۈگرەيلى، شۇنداق قىلىپ، دۈشمەن زەئىپلەشسۇن. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: ئېۋەك سىڭەك سۈتكە تۈشۈر _ ئالدىراقسان چىۋىن سۈتكە چۈشەر. بۇ ماقال ھەر ئىشتا ئالدىراقسانلىق قىلماسلىققا ئۈندەپ ئېيتىلىدۇ.
2 - 16