Uyghur主要词典
تۈش
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىراۋغا كۆرسەتكەن خىزمىتى، قىلغان ئىجادىيەت، كەشپىياتلىرى ئۈچۈن، تەنتەربىيىدە ئۇزغۇنلۇقى ئۈچۈن بېرىلگەن نەرسە.
<مۇكاپات> ئەڭ ئومۇمىي.
<ئىنئام> مەلۇم شارائىتتا <ھەدىيە> گە ياتىدۇ.
<شاڭ> خەنزۇچە: 赏
ۋاپا كۆرسەڭ بىراۋدىن بولما لال زادى، ۋاپا قىلدىڭ، ۋاپا بولدى مۇكاپاتى. ناخشىچى دىلبەر يۇنۇسنىڭ فېنلاندىيىدە ناخشا مۇسابىقىسىغا قاتنىشىپ ئىككىنچى بولغانلىقىنى قۇتلۇقلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا 5000 يۈەن مۇكاپات بەرگەنىدى. خام مېۋىدىن لەززەت ئىزدىگەن خامدۇر، ئۇندىن پۇختا ئەمەس، خام سۆز ئىنئامدۇر. باشباي بىر مالچىسىغا بىر ئات ئىنئام قىلغانىكەن. ياڭ زېڭشىن تۆمۈر خەلپىنى تۇتۇپ بەرگەن خائىنغا شاڭ بەرگەن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىشلەپچىقىرىلغان نەرسە.
ماقال - مەدەنىيەتنىڭ مەھسۇلى. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى؛ سانائەت مەھسۇلاتلىرى. مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇپ، چىقىمنى تېجەش بىزنىڭ فاڭجېنىمىز. تۇرمۇش بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتۇپ، خەلقنىڭ ماددىي تۇرمۇشىغا كاپالەت بېرىش لازىم.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يېيىشكە بولىدىغان ھۆل ياكى قۇرۇق دېنى، ئېتى.
مېۋە پىشسا ساپىقىدا تۇرماس. نەسىھەت ئاچچىق، مېۋىسى تاتلىق. مېۋە - چېۋىدە ئادەمگە زۆرۈر بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلار كۆپ، لايىقىدا يېيىش پايدىلىق. يەل - يېمىش مېھمان كۈتۈشتە كەم بولسا بولمايدىغان مەزە.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تۈش ~ چۈش.
سەپەردە دەم ئالىدىغان ئورۇن ياكى ۋاقىت. بۇنىڭدىن ئېلىنىپ « تۈش ئۇزى» دېيىلىدۇ. بۇ «چۈشۈش ۋاقتى»، «چۈش ۋاقتى» دېگەن بولىدۇ.
1 - 431
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تۈش ~ چۈش.
تۈش ئۆدى _ چۈش (چاشكا) ۋاقتى.
3 - 173
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تۈش ~ چۈش، ئېھتىلام.
تۈش كۆرمىش ئوغلان _ چۈشەكىگەن (ئېھتىلام بولغان) ئوغۇل.
3 - 173
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تۈش ~ چۈش.
تۈش يۆردى _ چۈش ئۆرىدى.
3 - 173
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ھوسۇل، مېۋە، نەتىجە
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
<تۈس> كە قاراڭ
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
مۇكاپات