Uyghur主要词典
تۈرمەك
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
تۆرمەك.
شىۋىلەر
قەشقەر شىۋىسى
بولدۇرغان خېمىرنى ياغ ياكى قايماق بىلەن تۈرمەللەپ، قورۇلغان قورمىنىڭ ئۈستىگە يېپىپ پىشۇرۇلىدىغان بىر خىل تاماق.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تۈرمەل.
1 - 622
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
تۈرمەك، پۈكمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئورالغان، تۈگۈلگەن، تۈرۈلگەن.
ئايىم چېچىنى تۈرمەك قىلىپ چېگىۋالغانىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئېگىرىلگەن، تولانغان يىپنى ناچا ياكى قۇمۇشقا يۆگىمەك.
يەڭ، پۇچقاق قاتارلىقلارنى سىرتىغا ئۆرۈپ، يۇقىرىغا قارىتىپ قاتلىماق.
يېڭىنى تۈرمەك.
يۈز، چىراينىڭ تېرە مۇسكۇللىرىنى پۈرۈشتۈرمەك.
قوشۇمىسىنى تۈرمەك. تەلەتىنى تۈرمەك.
تۈگمەك (مۇشت ھەققىدە).
مۇشتۇمنى تۈرمەك.