Uyghur主要词典
تۈرلۈندى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تۈرۈلدى، پۈكلەندى، يۆگەلدى.
تۈرلۈندى نەڭ _ نەرسە تۈرۈلدى، پۈكلەندى ( تۈرلۈنۈر _ تۈرلۈنمەك). شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ئىزىمنى ئۆگەرمەن
بىلىكنى يۈگەرمەن
كۆڭۈلنى تۈگەرمەن
ئەردەم ئۈزە تۈرلۈنۈر
«ئىگەمنى ماختايمەن،
بىلىمنى توپلايمەن،
كۆڭۈلنى تۈگىمەن،
پەزىلەت ئۈستىگە يۆگىلىدۇ.»
تەڭرىنىڭ بەرگەن نېمىتى ئۈچۈن تەڭرىمنى ماختايمەن، تەڭرىنىڭ كەرىمى بىلەن كەلگەن بىلىمنى توپلايمەن، كۆڭلۈمنى مۇشۇ بىلىمگە باغلايمەن، چۈنكى مېنىڭ كۆڭلۈم ياخشى ئەخلاق ۋە ياخشى پەزىلەتلىرىگە يۆگىلىدۇ.
2 - 352