Uyghur主要词典
تۈرگۈن
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش _ ھەرىكەتكە جۈرئەتلىك.
ياخشى كۆرۈش ئۈچۈن دادىل بولۇش كېرەك. تۇرسۇن تۈرگۈن يىگىت. ئۇكام بەردەم بېرىپ ئىشلە.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
يۈرەكلىك، دادىل، جۈرئەتلىك، قورقماس.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
قېتىم؛ رەت؛ يول
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
قورقماس، يۈرەكلىك، جۈرئەتلىك، دادىل.
ئاشپەز يولۋاستەك تۈرگۈن ئادەم بولغىنى بىلەن، كۆڭلى پاختىدەك يۇمشاق ئىدى.
- ئۈرۈمچىلىك نۈجۈپ دېگەن مەن بولىمەن! - دېدى ئۇ تۈرگۈن سۆزلەپ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
تۈرگۈن، يۈرەكلىك، جاسارەتلىك.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
تۈرگۈن، يۈرەكلىك، جاسارەتلىك كىشى. باشقا شەكىللىرى: تۈرگۈنباي، تۈرگۈنبەگ، تۈرگۈنجان.