Uyghur主要词典
تۈركىيە ۋەتەن قۇتقۇزۇش پارتىيىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
تۈركىيىدىكى ئىسلام سىياسىي پارتىيىسى بولۇپ، 1972 - يىلى 10 - ئايدا قۇرۇلدى. ئەسلىي مىللىي تەرتىپ پارتىيىسى (1970 - يىلى قۇرۇلغان) بولۇپ، <جۇمھۇرىيەت پرىنسىپىغا قارشى تۇردى> دېگەن جىنايەت بىلەن 1972 - يىلى 1 - ئايدا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانىدى. بۇ پارتىيە <ئەخلاقنى گۈللەندۈرۈش> نى، <مۇستەقىل ئىسلام دۆلىتى> قۇرۇشنى، ئىشچىلارنىڭ پاي قوشۇشى بىلەن <كېڭەيتىلگەن خۇسۇسىي كارخانىلارنى قۇرۇپ، ئەمگەكچىلەر بىلەن كاپىتالىستلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى پەسەيتىش> نى تەشەببۇس قىلدى؛ يېزىلاردىكى جازانىخورلۇققا قارشى تۇردى، لېكىن، <يەر ئىسلاھاتى> نى تەشەببۇس قىلمىدى؛ ھاكىمىيەت بىلەن دىننى ئايرىۋېتىش پرىنسىپىغا، تۈركىيىنىڭ ياۋروپا ئورتاق بازىرىغا قاتنىشىشىغا قارشى تۇرۇپ، غەرب مەدەنىيىتىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى توسىدى. 1973 -، 1975 -، 1977 - يىللىرى جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى بىلەن بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىللىدى.