Uyghur主要词典
تۈنۈگۈنكى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
تۈنۈگۈن بولۇپ ئۆتكەن، يۈز بەرگەن.
ياچېيكىنىڭ تۈنۈگۈنكى ئۈچ قارارى زىۋىرشانىڭ شېرىن خىياللىرىنى ئوڭتەي - توڭتەي قىلىۋەتتى.
يېقىنقى ۋاقىتلاردىكى، يېقىندىكى، يېڭى.
ئايتىللا بولسا يېڭىدىن خىزمەتكە كىرگەن تۈنۈگۈنكى ئوقۇتقۇچى ئىدى.
ئۆتمۈشتىكى.
تۈنۈگۈنكى گاداي نەسلى، قۇل دېدەك، بولدۇم بۈگۈن نۇرلۇق كۆكتە قارلىغاچ.