Uyghur主要词典
تۈنۈگۈن
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
بۈگۈندىن ئىلگىرى ئۆتكەن كۈن.
ئەتە، تاڭلا
بۈگۈندىن كېيىن كېلىدىغان كۈن.
ھېچكىم تۈنۈگۈننى چاقىرىپ كېلەلمەس. ئەتىگە - ئەتىنىڭ شامىلى چىقىدۇ. ئالدىرماڭ، ئاستا كېلەر، تېڭىرقىساڭ، تاڭلا كېلەر. تۈنۈگۈننى كارامەتكە ئەتە ھېچكىم تاڭ قالماس. تۈنۈگۈن ئۆتتى، ئەتىگە خۇدايىم بار. ئاخشام ئويلىغاننى ئەتە ئېيت. تۈنۈگۈنكىگە يېتەلمىسەڭ، ئەتىكىدىن ئۆتەلمەيسەن.
كەتتى مۇدھىش قىش كۈنى،
مەلۇم ئەمەستۇر ئەتىسى.
خۇش تۇتايلى ئۇشبۇ كۈننى،
ئەتەنى كىم بىلگۈسى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تۈنە + كۈن
رەۋ. كېچىنىڭ ئالدىدىكى كۈن، ئالدىنقى كۈن.
تۈنۈگۈن كەچتە ئاسىمنىڭ ئوغلى ئەسقەر بىزنىڭ ئۆيگە مېھمانغا كەلگەنىدى.
رەۋ. كۆچمە. يېقىنقى كۈنلەردە يېقىندا.
مۇنداق ۋەقەلەر تۈنۈگۈن بۆرتالا، ئالتاي، چۆچەكلەردە بولۇپ ئۆتكەن بولسا، بۈگۈن ئەينى پېتى غۇلجا، سۈيدۈڭ، چىلپەڭزىلەردە يۈز بەرمەكتە.
ئى. كۆچمە. ئۆتمۈش.
خەلقنىڭ تۈنۈگۈنى بىلەن بۈگۈنىنى بىلىش كېرەك.