Uyghur主要词典
تۈگمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يىپ، تانا، ئارغامچا قاتارلىقلار بىلەن قاتتىق ئورىماق.
بەل باغلىغان بىلەن ئەر ئەمەس، چاچ تارىغان بىلەن خوتۇن. بوينىدىن باغلىغان ئىت ئوۋغا يارىماس، پېتىۋاتقان كۈننى بوغقىلى بولمايدۇ. تۈكۈڭنى تاڭ، تاڭ ئاتقاندا ماڭ. چىرمىغانغا چىدىمىساڭ، چىنەكگە چىدا. بۇ ئاپامنىڭ تۈگكەن تۈگۈچى. قوزىلارنى قوشاقلاپ قوي. چىگىدە چىگكەننى چەدو بىلەن يەش. ئۇ دۈشمەننى ماتاپ تاشلىدى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئادەم، ھايۋان ۋە نەرسىنى يىپ، ئارغامچا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلار بىلەن چاتماق، قاچالماس، چېچىلماس قىلىپ قويماق.
يەشمەك ، بوشاتماق، باغلاق، تۈگەك، چىگىك، تېڭىق
نەرسىلەرنى بوش، ئەركىن قىلماق.
بوينىدىن باغلىغان ئىت ئوۋغا يارىماس. غۇلىغان تاغنى ئارغامچىدا باغلىغىلى بولماس. ئۆزۈڭ تۈگكەن تۈگۈننى ئۆزۈڭ يەش. باغلىماق ئاسان، يەشمەك تەس. ئۆلگەن بولسا ئېڭىكىنى تاڭاي، تىرىك بولسا يارىسىنى. چىگكەن چىگىشنى يەشمەك قىيىن. باغلاقلىق قويلارنى بوشىتىۋەت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئوراپ، چىگىپ تۈگۈنچە شەكلىگە كەلتۈرمەك.
كېيىن پەتنۇسنىڭ ئورنىغا قول ياغلىقنى ئۆرۈمە شەكلىدە تۈگۈپ، پوتا سېلىش باشلاندى.
يوتا ياكى رەخت بىلەن بەلگە ياكى مەلۇم بىر جايغا تاڭماق، باغلىماق.
ئۆيگە كېلىپ، ئانام بەرگەن مۇشۇ ناننى ۋە ئىككى تەڭگىنى ئېلىپ، بېلىمگە تۈگدۇم - دە، ئالدىراپ يولغا چىقتىم.
چەتلىرىنى قاتلاپ، پۈرۈپ قىيمىنى ئىچىگە ئالماق.
مانتا تۈگمەك. چۆچۈرە تۈگمەك. سامسا تۈگمەك.
كۆچمە. قارارلاشتۇرماق، بېكىتمەك.
مەجلىس قاتناشچىلىرى ئەتىدىن باشلاپ ئشچىلىققا كىملەرنىڭ بالىلىرىنى ئالىمىز دېگەن مەسلىھەتلەرنى بىر جايغا تۈگدى.
يىغماق، پۈرۈشتۈرمەك؛
ئالماس قوشۇمىسىنى چىڭ تۈگكەن ھالدا جۈرئەت بىلەن ئېيتتى.