Uyghur主要词典
تۈگمە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كىيىم _ كېچەككە تاقاپ، ئىزمىلىنىدىغان نەرسە.
تۈگمىنى تۆگە قىلىپ كۆرسەتمەك. توپچا ئىزمىدىن قورقماس.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تۈگمە.
كۆينەك، چاپان ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ تۈگمىسى.
1 - 563
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
كىيىمنىڭ ياقا، پەش ۋە يانچۇقلىرىنى ئېتىش ئۈچۈن قادىلىدىغان، كۆپىنچە يۇمىلاق كېلىدىغان نەرسە؛ توپچە.
سەدەپ تۈگمە. قارا تۈگمە.
ئەمچەكنىڭ توپچىسى.
ئەگەر كالىنىڭ ئەمچىكى ياكى تۈگمىسىدە زەخىم بولسا، ساغماسلىق لازىم.
تۈگمىدەك گۈل غۇنچىسى؛ تۈگۈم؛
باغدا بىر گۈل بار ئىدى، ئالتۇن باھالىق گۈل ئىدى. تۈگمىسى ئېچىلمىغان، يارىمغا لايىق گۈل ئىدى.
پىئانىنو، گارمون، خەت بېسىش ماشىنىسى قاتارلىقلارنىڭ بارماق بىلەن باسىدىغان يۇمىلاق كۇنۇپكىسى.
بارماقلىرى پىئانىنو تۈگمىلىرى ئۈستىدە ئويناشقا باشلىدى.