Uyghur主要词典
تېتىر
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھوسۇل بەرمەيدىغان، تۇپرىقى قاتمال زېمىن.
يېرىڭ قاششاق بولسا، ھالىڭ خاراب بولىدۇ. تېتىر يەرگە تاۋۇز تېرىما.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
تۇپرىقى ناچار، كەم ھوسۇل بېرىدىغان. قاششاق يەر
بولۇق، مۇنبەت
تۇپرىقى قۇۋۋەتلىك، مول ھوسۇل بېرىدىغان. مۇنبەت يەر،
بولۇق يەر تولۇق يەر. تاز تەكىيىدە، توشقان تېتىرىدا. مۇنبەت توپىدا قامچا سېپىمۇ ئۈنەر. قاششاق يەر قاششاقلىققا ئېلىپ باردى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. ھېچ نەرسە ئۈنمىگەن، ئۈنۈمسىز، قۇۋۋەتسىز، كۈچسىز.
تېتىر يەرگە بۇغداي تېرىپ، كۈزدە ئارا - گۈرجەكنى قۇرۇق قۇچاقلاپ قالغاندەك ئىش بولماس.
ئى. ھېچ نەرسە ئۈنمىگەن، قۇۋۋەتسىز يەر.
سۇغا قانماي دەشتتە قالغان بوز يەر تېتىر، مايسا ئۈنمەي زەردە بولغان شور تېتىر. جاڭ ئۇرۇپ ئۇيقۇڭنى ئاچتى خەلقىمىز، سۇغا قاندىڭ ئەمدى بولدۇڭ گۈل تېتىر.
قاغىلىق ناھىيىسىدىكى بىر يېزىنىڭ ۋە پىچان ناھىيىسىدىكى بىر كەنتنىڭ نامى.