Uyghur主要词典
تېتىقسىز
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تېتىقى يوق، ئېغىزىغا ئالغۇسىز، قىرتىق تەم.
لاۋزا تاماقنى ئىتقا بەر. بەتتام مېۋىگە قۇرتمۇ چۈشمەس. تەمسىز قوغۇننىڭ ئۇرۇقى كۆپ. تېتىقسىز تاماق.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
تەمى لاۋزا، تەمى يامان، كىشىگە ياقمايدىغان.
تەملىك، لەززەتلىك
تاتلىق تەمى بار، تەمى ياخشى، كىشىگە ياقىدىغان.
ئەمگەكنىڭ نېنى تەملىك. ئوخشىمىغان ئاش تەمسىز. ئىشلەپ يېگەن لەززەتلىك، تىلەپ يېگەن مىننەتلىك. تېتىقسىز قىلىق بىلەن تېتىقسىز مېۋە ئوخشاش.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
تەمى يوق، تەمسىز، لاۋزا.
تېتىقسىز تاماق. تېتىقسىز قوغۇن.
كۆچمە. كىشىگە ياقمايدىغان، كىشىنى يىرگەندۈرىدىغان؛ قاملاشمىغان.
تېتىقسىز قىلىق. تېتىقسىز مىجەز.
كامىلجاننىڭ تېتىقسىز كۈلكىسى ئۇنىڭ غەزىپىنى قوزغىماقتا.
كۆچمە. ھۇزۇر - ھالاۋەتسىز، مەنىسىز؛ ئەھمىيەتسىز، بىھۇدە.
ئۇزاق مۇددەتلىك تېتىقسىز تۇرمۇش ئۇنىڭ ئىقتىدارىنى يوقاتقان.
كۆچمە. ئەدەپ - ئەخلاقسىز سۆز - ھەرىكەتلەردە بولىدىغان، ھاياسىز.
دېسەم - دېمىسەم بۇ قىزنى ھېلىقى نۇرمۇھەممەت خاپا قىلغان گەپ، تولىمۇ تېتىقسىز يىگىتكەن