Uyghur主要词典
تىسوجىزېن ئىتارۇكې
دۇنيا تارىخى
(1877 - 5519) ياپونىيە تارىخشۇناسى، ئەدەبىيات دوكتورى. خىيوگو ناھىيىسىنىڭ كىجى شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1900-يىلى توكيودىكى ئىمپېرىيە داشۆسىنىڭ ياپون تارىخى كەسپىنى پۈتتۈرگەن. 1923-يىلى توكيو ئىمپېرىيە داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1929-يىلى مەزكۇر مەكتەپنىڭ تارىخ ماتېرىياللارنى تۈزۈش ئورنىنىڭ باشلىقى بولغان. 1932-يىلى ئىمپېرىيە ئالىملار يۇرتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1952 - يىلى مەدەنىيەت ئوردىنىغا ئېرىشكەن. ئاساسلىقى بۇددا دىنىنى مەركەز قىلغان مەدەنىيەت تارىخى ۋە تارىخنى تەتقىق قىلغان، <ياپونىيە بۇددا دىنى تارىخى تەتقىقاتى> (ئىككى قىسىم)، <ياپونىيە بۇددا دىنى تارىخى تەتقىقاتى> (ئىككى قىسىم)، <ياپونىيە بۇددا دىنى تارىخى> (ئون توم)، <ياپونىيە مەدەنىيەت تارىخى (11 توم)، >مىيجى يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتىدە ئىلاھ بىلەن بۇددا دىنىنىڭ بۆلۈنۈش تارىخى ماتېرىياللىرى< (بەش توم) قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.