Uyghur主要词典
تىسېلىئۇس
دۇنيا تارىخى
(1902 - 1971). شۋېتسىيىلىك فىزىك، بىئوخىمىلىك، ستوكھولمدا تۇغۇلغان. 1930 - يىلى ئۇپسالا داشۆسىدە دوكتور ئىلمىي ئۇنۋانىنى ئالغان. كېيىن ئامېرىكىدا ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1938-يىلدىن باشلاپ ئۇپسالا داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1948-يىلى ئۇپسالا بىئوخىمىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بولغان. ئېلېكترلىك ئۈزۈشتىن پايدىلىنىپ ئاقسىل، قەنت، تۇز، كىسلاتا قاتارلىق ماددىلارنى ئانالىز قىلىش ئۇسۇلى (تىسېلىئۇس ئېلېكترلىك ئۈزۈش ئەسۋابى) نى تەرەققىي قىلدۇرغان. يەنە رەڭ قاتلاملىرىنى ئايرىش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، بىرىكمە قان شىرنىسىنى تەرەققىي قىلدۇرغان. 1948-يىلى نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.