Uyghur主要词典
تېرىلغۇ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەتىيازدا زىرائەتنى تېرىش _ ئېكىش ئىشى.
تېرىم بولمىسا، يىغىم بولماس. تېرىلغۇ ۋاقتى _ قاتىلاڭچىلىق ۋاقتى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
زىرائەت - ئېكىنىنى تېرىش - تىكىش ئىشى.
يىغىم، ئورما
پىشقان زىرائەت - ئېكىننى ئورۇپ يىغىۋېلىش ئىشى.
تېرىم بولمىسا، يىغىم بولمايتتى. دېھقانلارغا ئارام يوق، تېرىم تۈگىسە يىغىم باشلىنىدۇ. ئەتىيازلىق تېرىلغۇ باشلاندى.
ئورمىنى تولا ئورساڭ،
تالمامدۇ بىلەكلىرىڭ.
مەن يادىڭغا چۈشكەندە،
كۆيمەمدۇ يۈرەكلىرىڭ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. ھەيدەش، تېرىش ئىشلىرى ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەشغۇلات.
ھاپىز بۇ خىياللارنى كۆڭلىگە پۈككەندىن كېيىن، شەرۋانەمنى ئالدىرىتىپ، ئۆز تېرىلغۇسىغا جىددىي كىرىشىپ كەتتى.
سۈپ. تېرىقچىلىق، دېھقانچىلىق ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، دېھقانچىلىققا خاس بولغان.
تېرىلغۇ كۆلىمى. تېرىلغۇ يەرلەر.