Uyghur主要词典
تېرىكتۈرمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر يول بىلەن بىراۋنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرمەك، ئۇنى خاپا قىلماق.
ئۇۋىسىدىكى بۆرىنى تېرىكتۈرمە. جېنىمغا تەگكەن _ دۈشمىنىم. ئۇنىڭ جېنىنى چىقارمىساڭچۇ. چىشىغا تەگسەڭ، چۈمۈلىمۇ چاقار. كىشىنىڭ ئەيىبىنى ئېچىپ جىلە قىلىش ياخشى ئەمەس. ئۇنىڭ يىغىرىغا تېگىپ نېمە قىلىسەن، بولدى قىل. كىشىنىڭ يېغىرىنى ئاچقان كىشى ئۆز يېغىرىنى ياپالماس. قانداق، تىتاڭ تومۇرلىرىغا تەگدىمۇ؟ تېلىغا تەگكىنىڭ يامان بوپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<تېرىكمەك> پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.
شۇنداق قىلىپ شەمەرنى تېرىكتۈرۈپ قويدى.