Uyghur主要词典
ترانسىمتتېر
بىئولوگىيە
نېرۋا مېدىئاتورى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ نېرۋا ئاخىرقى ئۇچلىرى غىدىقلانغاندا قويۇپ بېرىدىغان ئالاھىدە خىمىيىلىك ماددا. مۇشۇ مېدىئاتورنىڭ ياردىمى بىلەن بىر نېرۋا ھۈجەيرىسىدىكى ئىمپۇلسنى يەنە بىر نېرۋا ھۈجەيرىسىگە ياكى ئېففېكتورغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە بولىدۇ. سىرتقى ئەتراپ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ترانسمىتتېرى ئاتسېتىل خولىن ۋە نورئادرېنالىن. مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىدا قوزغىلىشچانلىق ۋە تومۇزلاش خاراكتېرىدىكىدىن ئىبارەت ئىككى خخل ترانسمىتتېر بولىدۇ. ئالدىنقىلىرى ئاتسېتىل خولىن، پېنتاگىدوركسى ترىپتامىن، گلۇتامىك كىسلاتا، دوپامىن ۋە نورئادرېنالىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ كېيىنكىسىدە r - ئامىنوبۇترىك كىسلاتا بولىدۇ. ئۇلار سىناپتىن كېيىنكى نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنى قوزغىتىدۇ ياكى تومۇزلايدۇ.