Uyghur主要词典
ترانسىفېرازىلار
بىئولوگىيە
EC2 S,P,N,C قاتارلىقلار بولغان گۇرۇپپىلارنى بىر مولېكۇلىدىن يەنە بىر مولېكۇلىغا يۆتكىگۈچى ئېنزىملاردۇر. مۇنداق فورمۇلا A - × + B ← B - × + A بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. يەنە يۆتىكىلىدىغان گۇرۇپپىلارنىڭ خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن، بىر قانچە سۇب تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ: (1) كاربونلۇق رادىكاللارنى يۆتكىگۈچى ئېنزىملار (مېتىل، فورمىل، گىدروكسى مېتىل رادىكاللىرىنى يۆتكىگۈچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)؛ (2) كېتون، ئالدېگىد رادىكاللىرىنى يۆتكىگۈچى ئېنزىملار؛ (3) ئاتسېتىل رادىكالىنى يۆتكىگۈچى ئېنزىملار (مەسىلەن، خولىن ئاتسېتىل - ترانسىفېرازا قاتارلىق)؛ (4) قەنت رادىكالىنى يۆتكىگۈچى ئېنزىملار (گلىكوگېن فوسفاتازا، نۇكلېئوزىدتىن رىبوزا يۆتكىگۈچى ئېنزىم)؛ (5) ھىدرو كاربون ياكى ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلىك گۇرۇپپىلارنى يۆتكىگۈچى ئېنزىملار؛ (6) ئازوتلۇق رادىكاللارنى يۆتكىگۈچى ئېنزىملار (مەسىلەن Clu Ala ترانسىئامىئازا)؛ (7) فوسفورلۇق رادىكاللارنى يۆتكىگۈچى ئېنزىملار (گىكسوكىنازا، نۇكلېئوتىد ترانسىفېرازا، گلۇكوزا فوسفات ئورۇن ئۆزگەرتكۈچى ئېنزىم)؛ (8) گۈڭگۈرتلۈك گۇرۇپپىلارنى يۆتكىگۈچى ئېنزىم، مەسىلەن ئوكسالوئاتسېتىن كىسلاتاسى CoA يۆتكىگۈچى ئېنزىم.