Uyghur主要词典
تراگېدىيە
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
(گرېكچە)
دراماتىك ئەسەرلەرنىڭ بىر تۈرى. بۇ دەسلەپتە قەدىمكى گرېتسىيىدە بارلىققا كەلگەن. ئۇنىڭ قەھرىمانلىرى زوراۋان كۈچلەرگە قارشى ھايات - ماماتلىق كۈرەش ئېلىپ بارىدۇ. كۈرەشنىڭ يېشىمى قەھرىمان ئۆز ھاياتىدىن ئايرىلىش بىلەن ئاياغلىشىدۇ. مانا بۇ تراگېدىيىنىڭ خۇسۇسىيىتىدۇر.
تراگېدىيە دېگەن بۇ نام ئەسلىدە تەڭرى دىئونس شەرىپىگە ئۆتكۈزۈلگەن بايرامدىكى خەلق تاماشاسىدىن ئېلىنغان. دىئونسكە قۇربانلىق ئۈچۈن ئۆچكە كەلتۈرۈلگەن (ئۆچكە گرېكچە tiragos دەپ ئاتىلىدۇ). بۇ مۇراسىمدا ئۇسسۇلغا چۈشۈش ۋە قۇربانلىق قىلىنغان ئۆچكە ھەققىدە قوشاق ئېيتىش (قوشاقن گرېكچە ode دەپ ئاتايدۇ) قاتارلىق پائالىيەتلەر بولغان. دېمەك، تراگېدىيە ئاتالغۇسى ئىككى سۆزدىن:tiragos (ئۆچكە) ۋ ode (قوشاق) تىن تەركىب تاپقان.
كېيىنچە، تراگېدىيە ئەسلى مەنىسىنى يوقىتىپ، مەخسۇس تىياتىر ئاتالغۇسىغا ئايلىنىپ قالغان.
16 - ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمى ۋە 17 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بۈيۈك ئىنگلىز دراماتۇرگى ۋ. شېكېسپېرنىڭ ئۆتكۈر قارىمۇ قارشىلىقلارنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئېچىپ بەرگەن تراگېدىيىلىرى پۈتۈن دۇنيادا شۆھرەت قازاندى.
مەملىكىتىمىزدىمۇ تراگېدىيە ژانىرىدا بىر مۇنچە ئەسەرلەر يارىتىلغان. مەشھۇر دراماتۇرگ ساۋ يۈينىڭ <گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر> ناملىق تراگېدىيىسىدە كونا جۇڭگونىڭ جىنايىتى ئېچىپ تاشلانغان، بۇ تراگېدىيە قاتتىق پاجىئە بىلەن ئاياغلىشىدۇ. مانا بۇ ھازىرقى زامان تراگېدىيىلىرىگە ياخشى مىسال بولالايدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېچىنىشلىق ھادىسە، قايغۇلۇق ۋەقە.
ساۋاتسىزلىق، شۇ كىشى ئۈچۈن، بىر پاجىئە. خەلقئارادا ھەرخىل تراگېدىيىلەر يۈز بەرمەكتە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<گرېكچە
>ئەد< باش قەھرىمان بىلەن رېئال مۇھىت ئوتتۇرىسىدىكى مۇقەررەر توقۇنۇشتا، باش قەھرىمان بەختسىزلىككە ئۇچراپ، پاجىئە بىلەن ئاخىرلىشىدىغان بىر خىل تىياتىر تۈرى.
دەھشەتلىك ۋەقە، ھادىسە؛ پاجىئە.
مانا شۇنداق شارائىتتا، بۇ تراگېدىيە يۈز بەردى.