Uyghur主要词典
ترافالگار تۇمشۇقى دېڭىز ئۇرۇشى
领域: دۇنيا تارىخىⅩⅨ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەنگلىيە فلوتى بىلەن فرانسىيە - ئىسپانىيە بىرلەشمە فلوتىنىڭ ئىسپانىيىدىكى ترافالگار تۇمشۇقى ئەتراپىدا قىلغان دېڭىز ئۇرۇشى. 1805-يىلى كۈزدە، ئۈچىنچى قېتىملىق فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاق شەكىللىنىپ، ناپولېئون ئاۋسترىىگە ھەربىي يۈرۈش قىلىشنى قارار قىلغان. 9-ئاينىڭ 14-كۈنى، كادىس پورتىدا تۇرۇۋاتقان فرانسىيە - ئىسپانىيە بىرلەشمە فلوتى (1763 - 1806) غا فرانسىيە - ئىسپانىيە بىرلەشمە فلوتى (فرانسىيە پاراخوتى 18، ئىسپانىيە پاراخوتى 15) غا قوماندانلىق قىلىپ، ئوتتۇرا دېڭىزغا كىرىپ، نېئاپولغا ھۇجۇم قىلىپ، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ئىتالىيىدىكى ئارمىيىسىنى ئىسكەنجىلەشنى بۇيرۇغان. 10-ئاينىڭ 21-كۈنى، فرانسىيە - ئىسپانىيە فلوتى بىلەن نارسون قوماندانلىق قىلغان ئەنگلىيە فولتى (27 ئۇرۇش پاراخوتى) ترافالگار تۇمشۇقى ئەتراپىدا ئۇچرىشىپ جەڭ قىلغان. فرانسىيە - ئىسپانىيە بىرلەشمە فلوتى 20 گە يېقىن پاراخوتىدىن ئايرىلغان، ۋىللېنېئۇۋ ئەسىرگە چۈشكەن. ئەنگلىيە فوتى چىقىم تارتمىغان، بىراق نارسون ئەجەللىك يارىدار بولغان. بۇ قېتىمقى دېڭىز ئۇرۇشى ئەنگلىيىنى بىر ئەسىردىن كۆپرەك داۋام قىلغان دېڭىزدىكى زومىگەرلىك ھوقۇقىغا ئىگە قىلغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。