Uyghur主要词典
تېڭىق
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
نەرسىلەرنى بوش، ئەركىن قىلماق.
باغلىماق، تۈگمەك، چىگمەك، تاڭماق
ئادەم، ھايۋان ۋە نەرسىنى يىپ، ئارغامچا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلار بىلەن چاتماق، قاچالماس، چېچىلماس قىلىپ قويماق.
بوينىدىن باغلىغان ئىت ئوۋغا يارىماس. غۇلىغان تاغنى ئارغامچىدا باغلىغىلى بولماس. ئۆزۈڭ تۈگكەن تۈگۈننى ئۆزۈڭ يەش. باغلىماق ئاسان، يەشمەك تەس. ئۆلگەن بولسا ئېڭىكىنى تاڭاي، تىرىك بولسا يارىسىنى. چىگكەن چىگىشنى يەشمەك قىيىن. باغلاقلىق قويلارنى بوشىتىۋەت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. تېڭىلىغان، ئورالغان.
كامال ياتار باش - كۆزى تېڭىق، پەرۋانىدۇر مۇئەللىم ئاڭا. ساۋاقداشلار كېلەر ئۈزۈلمەي، كۆزلىرىگە ياش ئالار ئاتا.
ئى. جاراھەت ۋە سۇنۇقنى دورا، داكا قاتارلىقلار بىلەن تېڭىش ئىشى.
تېڭىق بۆلۈمى.
ھەش - پەش دېگۈچە، دورا قۇيۇلۇپ تېڭىق پۈتتى.
ئى. نەرسىلەرنىڭ ئۈستىدىن ئوراپ تاڭغان نەرسە.
- ھەممىسىلا يېنىك يارىلانغانىكەن، تېڭىقلىرىنى يۆتكەپ قويدۇق، - دەپ جاۋاب بەردى زۇمرەت.
مىق. ساناق سانلار بىلەن كېلىپ تىڭىلغان نەرسىلەرنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ.
ئابدۇنىياز ئۇزۇن كەلگەن چىرايلىق ساقىلىنى قولىغا يۆگەپ، بىر تېڭىق يۈك ئۈستىدە جىم ئولتۇراتتى.