Uyghur主要词典
تېگى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
كېچىلەردە ئاڭلىنىدىغان گۇڭ - گۇڭ ئاۋاز. تۈركلەر شۇنداق قارايدۇكى، ئۆلۈكلەرنىڭ روھلىرى ھەر يىلى بىر كېچە توپلىشىپ، ئۆزلىرى ھايات ۋاقتىدا ياشىغان شەھەرلىرىگە كېلىپ شەھەر ئاھالىسىنى زىيارەت قىلىدۇ. كېچىدىكى مۇشۇ گۇڭ - گۇڭ ئاۋازغا كىم يولۇقۇپ قالسا ئۆلىدۇ. بۇ تۈركلەردە كەڭ تارقالغان بىر خىل چۈشەنچە. بۇ سۆزدىكى «ت _ t» ھەرپى كەسرە بىلەن كەلگەن. مېنىڭچە، فەتھە بىلەن ئوقۇسا ئوبدانراق بولىدۇ. چۈنكى خوتۇن ئېرىنىڭ قېشىغا يۆتكەلگەندىن كېيىن، ئۆز ئائىلىسىنى زىيارەت قىلىشقا كەلگەندە « تەگدى كەلدى _ زىيارەت قىلىپ كەلدى» دېيىلىدۇ.
3 - 31