Uyghur主要词典
توڭشيا جيەن جېڭى
دۇنيا تارىخى
ياپونىيەنىڭ يىغىلىق دەۋرىدىكى چوڭ پومىشچىكلار ئوتتۇرىسىدا بولغان ھەل قىلغۇچ جەڭ. ئۇۋارى (ھازىرقى ئايچى ناھىيىسى) دىكى چوڭ فېئودال ئوتانوبۇناگا بىلەن سۇرۇگا (ھازىرقى شىزۇئوكاۋا ناھىيىسى) دىكى چوڭ فېئودال ئىماگاۋا ھەرئىككىلىسى كيوتوغا بېرىپ مەركىزىي ھاكىمىيەت قۇرماقچى بولغان. 1560 - يىلى 5 - ئايدا ئىماگاۋا 25 مىڭ كىشىلىك ئەسكەرنى باشلاپ غەربكە يۈرۈش قىلغان، سەپەر ئۈستىدە ئوتانوبۇناگانىڭ توسۇپ زەربە بېرىشىگە ئۇچرىغان. 19 - كۈنى (ئوكېخازاما، ھازىرقى ئايچى ناھىيىسى فېڭمىڭ شەھىرى تەۋەسى) دە يەر شارائىتىدىن پايدىلىنىپ، قاتتىق بوران - چاپقۇندىن پايدىلىنىپ، تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، ئىماگاۋانى ئۆلتۈرگەن. ئوتانوبۇناگا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن ياپونىيەدە زومىگەرلىك قىلىشقاباشلىغان.