Uyghur主要词典
توڭكاي
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. چوڭ سۆڭەك.
ئىت بىر توڭكاينى چىشلەپ ئالدىدا كېتىۋاتاتتى.
سۈپ. ھىڭگاڭ، بۆرتۈپ چىققان (چىش ھەققىدە).
- باشلىق، - دېدى توڭكاي چىش بىرى ھېلىقى ئېگىز بويلۇققا قاراپ كۆز قىسىپ، ئالىقىنىغا تۈكۈرۈپ تۇرۇپ.
ئى. ھىڭگاڭ، بۆرتۈپ چىققان چىشلىق ئادەم.
- مەن دېمىدىممۇ، ھېلىقى توڭكاي شۇ ئىكەن، ئۇ بۇرۇن شۇ زاۋۇتنىڭ مالىيە بۆلۈمىدە ئىشلەيتتى.