Uyghur主要词典
توساتتىن
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۈتمىگەن ھالدا، قىسقىغىنا ۋاقىتتا پەيدا بولغان.
<تاسادىپىي> قائىدە بويىچە بولۇشى ناتايىن ئىش - ھەرىكەتنىڭ پەيدا بولغانلىقىغا ئېيتىلىدۇ.
تېكىدىن ئەقىل - مەسلىھەت ئالغان قوچقار توساتتىن ئۆزىنى ئۆزى بالاغا باشلار. دۇنيادا بولغان ئۇرۇشلارنىڭ كۆپى تۇيۇقسىز ھۇجۇمدىن باشلانغان. تۇيۇقسىز كەلگەن توساتتىن قايتار. تاسادىپىي كەلگەن بايلىقتا بەخت بولماس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋىش
كۈتۈلمىگەندە، تۇيۇقسىز، ئۇشتۇمتۇت.
توساتتىن بىر پاي ئوق ئېتىلدى.
توساتتىن ئىشىك ئېچىلىپ، چېھرىگۈل كىرىپ كەلدى.
ئىختىيارسىز، بىردىنلا.
مەنە يەنە نېمىلەردنىدۇر ئېيتماقچى ئىدىم، لېكىن توساتتىن جىم بولۇپ قالدىم.
ھېچنېمىدىن ھېچنېمە يوق، سەۋەبسىز.
ئۇلارنىڭ شۇنچە جېدەل قىلىپ، يەنە توساتتىنلا ئەپ بولۇپ قالغانلىرىنى ئاسان بىلگىلى بولمايتتى.