Uyghur主要词典
توس
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل
توسماق، توسۇش. بوۋاقنى ئەپلىك تۇتۇپ تاھارەت قىلدۇرماق.
ئانارخان بالاڭنى ۋاقتى _ ۋاقتىدا توسۇپ تۇر.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل
توسماق، توسۇش. 1. ئالدىنى توراپ ئۆتكۈزمەسلىك .
توسا، توسۇق، توسقۇن، توسقۇنلۇق.* قاراقچى قاراڭغۇدا توسىدۇ ( ماقال ).* تارىخنىڭ ئېقىمىنى توسغىلى بولمايدۇ.
2. ئارىلىقنى ئايرىۋەتمەك. بالام، ئۆينى توسۇپ، ئىككى ئېغىز قىلايلى.
3. دالدا قىلماق، كۆرسەتمەسلىك. ئاينى ئېتەك بىلەن توسىغىلى بولماس ( ماقال ).
4. توراپ ئېقىمنى باشقا تەرەپكە بورىماق. سۇنى توسماق.* دەريانى توسغىلى بولار، ئەلنىڭ ئاغزىنى توسغىلى بولماس ( ماقال ).
5. توختاتماق، يۈرگۈزمەسلىك. يامان ئىللەتلەرنى توسۇش كېرەك.* پۇلنىڭ پاخاللىشىشىنى توسۇش لازىم.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
قېيىن ياغىچى، قېيىن ياغىچىنىڭ پوستى.
تۇپراق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىچكۈلۈك ئىچىدىغان كىچىك قاچا، چىنە.
«قەدەھ كۆتۈرمەك» رەسمىي سورونلاردا، «رومكا سوقۇشتۇرماق» ئاددىي ئولتۇرۇشلاردا دېيىلىدۇ.
«باكال» پىۋا ئىچىشتە ئىشلىتىلىدۇ.
ھاراقكەشنىڭ بايلىقى - قەدەھ. قەدەھتە ئۆلگەن دېڭىزدا ئۆلگەندىن جىق. ھەي ئىنسان، قولۇڭدا پەۋەس تولغان جام، ۋەسۋەسىدىن تىنماس دىل، بىسەرەمجان. مەست قولىغا چۈشسە پىيالە، ئەسىلا ئۇنى سۇندۇشنى كۆرمەيدۇ راۋا. كىشىلەر « سالاپەتلىك ئۈچۈن» دەپ رومكا سوقۇشتۇرۇپ سالامەتلىكىدىن ئايرىلىدۇ. پىۋا ئىچتۇق باكالدا، خار بولمايلى ئۆز ماكاندا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەقلىد
توخۇ، ئۆردەك قاتارلىقلارنىڭ داننى قاتتىق چوقۇپ ئېلىشىدىن چىققان ئاۋاز.
توخۇ كورىدىكى قوناقنى <توس> قىلىپ چوقۇشىغا، بالا يەنە بىر تاش ئاتتى.