Uyghur主要词典
تولۇق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سىرا ھەممىسى، بارى.
بۇلار تامامەن ئۆزى ئىلكىڭدە. بىلگىنكى، ئىش پۈتۈنلەي سەن كۈتكەندەك بولمايدۇ. يىلتىزى سېسىسا غولى تۈگەل تۈگەيدۇ. ۋەزىپە تولۇق ئورۇنلانسا، كۆڭۈل خوش بولىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چالا ئەمەس، پۈتۈن؛ باشتىن ئاياق، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە كەم _ كۈتسىز.
ئېھتىياتچاننىڭ ھازىرلىقى تولۇق. ساپ ئالتۇن يوق، مۇكەممەل ئادەم يوق. ئىش قىلساڭ، تەلتۆكۈس قىل. تەلتۆكۈسمەن دېگەن خاننىڭ بىر تېمىم تۇزى كەم. بەل باغلىغان ئىشنى چالا قويما، ئۈزۈل _ كېسىل قىل.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
مۇكەممەل، كەم - كۇتىسىز.
چالا، چالا - بۇلا، چالا - پۇچۇق، كەمتۈك
پۈتۈن ئەمەس، تولۇق ئەمەس.
ئەنجام تولۇق بولسا، ئىش پۈتۈن بولىدۇ. چالا - بۇلا ئىش قىلىش چاتاق ئىشقا ئېلىپ بارىدۇ. چالا - پۇچۇق ئىشتىن مەززە يوق. ئات ھارۋاڭ كەتسە كەتسۇن، غاڭزاڭنى چالا قاقما. خالتىنى تولۇق قاقما، تېگىدە ئازراق ساقلا. دوستلۇق ئايغا ئوخشايدۇ، تولۇق بولمىسا كەمتۈك بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. تولغان، بوش ئورۇن قالمىغان.
نەگىلا باقسام زىرائەتلەر بەلەن، بولۇق ئىكەن. جۈپ باشاق ھەر تۈپ قوناقتا، دانلىرى تولۇق ئىكەن.
سۈپ. سەمرىپ توشقان، يېتىشكەن.
ئۇنىڭ ئاپئاق يۈزى ۋە تولۇق كەلگەن قامىتى يېڭى ئېچىلىۋاتقان بىر تال غۇنچىنى ئەسلىتەتتى.
سۈپ. يېتەرلىك، مۇكەممەل، كەم ئەمەس.
ئۇ ھازىر خېلى تولۇق ماتېرىياللارغا ۋە ئاساسلارغا ئىگە.
رەۋ. ئەتراپلىق، تامامەن.
سەن تولۇق ھەقلىقسەن، كەچۈرگىن مېنى، كاتە.
رەۋ. كەم - كۈتىسىز، بىرەر بۆلىكى چۈشۈپ قالمىغان ياكى قىسقارمىغان ھالدا.
زۇنۇن قادىرنىڭ بەدىئىي تەسۋىرلىرىدە بۇ خىل خۇسۇسىيەتلەر تولۇق تېپىلىدۇ.
رەۋ. بىرىمۇ قالماي، ھەممەيلەن.
دۈشمەن سايغا تولۇق كىرىپ بولمىغۇچە ئوق چىقىرىشقا رۇخسەت يوق، ھۇجۇم بۇيرۇق بىلەن باشلىنىدۇ!
سۈپ. مۇكەممەل، يۇقىرى دەرىجىلىك.
گۈلسۈمخان ئاچىنىڭ ئوغلى بولسا تولۇق ئوتتۇرا مەلۇماتقا ئىگە دېھقان يىگىت ئىدى.