Uyghur主要词典
تولماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بوشلۇققا لىق كەلمەك.
ئەتىگەن قوپقاننىڭ ئېتىكى ئالتۇنغا تولىدۇ. سۇ توشقان چېلەك جاراڭلىمايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
كۆل، تاغار، قاچا قاتارلىقلارنىڭ ئىچىگە بوش يېرى قالماي قاچىلانماق، توشقۇزۇلماق.
<قىزىل بۇرۇن> يانچۇقىنىڭ تاراقلاپ تۇرغان پۇللار بىلەن لىق تولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتى.
ئورۇن، مەيدان قاتارلىقلارنىڭ ھەممە يېرى تولۇق ئىگىلەنمەك، توشۇپ كەتمەك.
ئىشخانا ئالدى بۇ ئىشقا قىزىققان ئەزالار بىلەن تولدى.
ئورۇن، بوشلۇق قاتارلىقلار مەلۇم بىر خىل ھالەت بىلەن پۈركەلمەك، قاپلانماق.
مەتېكرەم دىلبەرنىڭ ئىسمىنى چاقىرغاندا، زال ئىچى بىر پەس جىمىپلا يەنە پىچىرلاشلار بىلەن تولدى.
يىغىلىپ تاشماق، توشۇپ كەتمەك.
ئۇنىڭ ئاجىزلارنىڭ كۆزىگە ئوخشاپ كېتىدىغان كۆزلىرى لىققىدە ياشقا تولغانىدى.
كۆچمە. ھېس - تۇيغۇ، غەم - قايغۇ، ئۈمىد قاتارلىقلار ئۇلغىيىپ تاشماق.
مەن ئۈنسىز ياش تۆكەتتىم، كۆڭلۈمگە بىھېساب دەرد - ئەلەم تولغانىدى.
تولۇق، يېتەرلىك دەرىجىدە ئىگە بولماق، يېتىشمەك.
ئادەم 30 ياشقا كىرگەندە ئەقىلگە تولۇپ، تۈلكىگە ئوخشاش ھەرقانداق نەرسىنى بىلىدۇ.
ئۆسۈپ مەلۇم ياشقا يەتمەك.
قانۇندا، سىياسىي ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىنغان كىشىلەردىن باشقا، يېشى 18 گە تولغان ھەممە پۇقرانىڭ سايلاش، سايلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكى بەلگىلەنگەن.
تولۇقلانماق، توشماق.
سونۇر خىيال سۈرۈپ قالدى: <ناھايىتى ئون كۈنلا قومۇش ساتسا، كەم ئاقچىسى تولاتتى، خەپ، مۇنۇ ئايالنىڭ بەسلىشىۋاتقىنىنى قارىمامدىغان!>