Uyghur主要词典
توك سوقۇش ۋە توك سوقۇۋېتىش ھادىسىلىرى
领域: فىزىكا بىلىملىرىئاجىز توك ئادەم بەدىندىن ئۆتسە، بۇ زىيانلىق بولماستىن، ئەكسىچە پايدىلىق بولىدۇ. مەسىلەن، مېدىتسىنادىكى توكتا داۋالاش ئۇسۇلىدا، ئاجىز توكنى بىمارنىڭ بەدىنىدىن ئۆتكۈزۈپ، بەزى قىسىملىرىغا تەسىر كۆرسىتىپ، كېسەللىكنى داۋالاش مەقسىتىگە يېتىدۇ.
ئادەم بەدىنىدىن ئۆتكەن توكنىڭ كۈچلۈكلۈكى چوڭراق بولغاندا، توك سوقۇش ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ. تەجرىبىلەر شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى،1 مىللىئامپېر (توك كۈچىنىڭ بىرلىكى، بەلگىسى MA) ئەتراپىدىكى توك ئادەم بەدىنىدىن ئۆتكەندە، ئۇيۇشقاندەك بولۇپ سېزىلىدۇ. توك10 مىللىئامپېردىن ئېشىپ كەتمىسە، توك سوقۇۋەتكەن ئادەم توك مەنبەسىدىن ئۆزى ئاجراپ كېتەلەيدۇ. ھادىسە يۈز بەرمەيدۇ. توك20 مىللىئامپېردىن25 مىللىئامپېرغىچە بولغاندا، ئادەم بەدىنى قاتتىق ئاغرىيدۇ، ھەتتا نېرۋىلىرى بىخۇدلىشىدۇ، مۇسكۇللىرى جىددىي يىغىلىپ، توك مەنبەسىدىن ئۆزى ئاجرىيالمايدۇ - دە، ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ. ئەگەر توك100 مىللىئامپېرغا يەتسە، ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئادەم تۇنجۇقۇپ قېلىپ، ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان توك سوقۇۋېتىش ھادىسلىرىنى يورۇتۇش ئېلېكتر زەنجىرلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ، ئادەم بەدىنى يورۇتۇش ئېلېكتر زەنجىرىنىڭ ئوت سىمىغا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك تۇتىشىپ قېلىپ، كۈچلۈكرەك توكنىڭ ئادەم بەدىنىدىن ئۆتۈپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
يورۇتۇش ئېلېكتر زەنجىرىگە تېگىشىپ قېلىپ توك سوقۇۋېتىش ھادىسىسى ئىككى خىل بولىدۇ. بىر خىلى، ئادەم يەردە تۇرۇپ، قولى ئوت سىمغا تېگىپ قېلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ چاغدا توك ئوت سىمدىن ئادەم بەدىنى ئارقىلىق يەرگە ئۆتۈپ كېتىدۇ؛ يەنە بىر خىلى، ئادەمنىڭ ئىككى قولى ئايرىم - ئايرىم ئوت سىم ۋە نۆل (يەر) سىمغا تېگىپ قېلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئادەم گەرچە ئىزولياتسىيىلىك جىسىم ئۈستىدە تۇرغان بولسىمۇ، يەنىلا ناھايىتى كۈچلۈك توك ئادەم بەدىنىدىن ئۆتۈپ ھادىسە كېلىپ چىقىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。