Uyghur主要词典
توك چىقىرىدىغان سىرلىق دەرەخ
领域: ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىھىندىستاندا ئىنتـايـىـن غـەلـىـتـە بـىـر خـىـل دەرەخ بـار. كـىـشـىـلـەر بىخەستـەلـىـكـتـىـن ئۇنىـڭ شـېـخـىـغـا تـېـگـىـپ كـەتـسـە، دەرھال تـوك سوقۇۋەتكەندەك بىئارام بولىدۇ. ئەسلىدە بۇ دەرەخ توك چىـقـىـرىـش ۋە توك ساقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، توك ساقلاش مىقدارى ۋاقىتقا ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، چۈشتىكى تـوك مىقـدارى ئەڭ كـۆپ، تۈن نىسبىدىكى توك مىقدارى ئەڭ ئاز بولـىـدۇ. بـەزىلەر بـۇ قۇياشنىڭ يورۇتۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، دەپ قىياس قىلماقتا.
بۇ خىل »تـوكـلـۇق دەرەخ« بـەزى بـوتـانـىـكلار ۋە بـىئولـوگلارنـىـڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئەگەر ئۇنىڭ توك چىقىرىش ۋە توك ساقلـىـشىدىكى سىر ئېچىلسا، بىز بەلكىم ئۇنىڭ توك چىقىرىش قائىـدىـسىگە ئاسـاسـەن يېڭى تىپتىكى گېنېراتور ئىشلەپچىقىرىشىمىز مۇمكىن!
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。